2019- يىلى 10- ئاينىڭ 11- كۈنى، شىنجاڭ كۆنچى دەرياسىنىڭ سۈيى ھوسۇل يىغىلىۋاتقان بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ كېۋەزلىكىدىن ئۆتۈپ، تۆۋەن ئېقىندىكى توغراقلىق ئورمىنىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان چۆللەشكەن دەريا قىرغىقى ئورمان رايونىغا قاراپ ئېقىۋاتاتتى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت). كۆنچى دەرياسى باغراش كۆلىدىن باشلىنىپ، كورلا شەھىرى، لوپنۇر ناھىيەسىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، تارىختا دەريا يولى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ۋاقىتتا تۆۋەنكى ئېقىن لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 942 كىلومېتىرغا يەتكەن. كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى توغراق گەۋدە قىلىنغان چۆللەشكەن دەريا قىرغىقى ئورمىنى بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى توغراقلىق بىر - بىرىگە ھەمراھ بولۇپ، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى «يېشىل كارىدور»نى ھاسىل قىلغان، تەكلىماكان بىلەن قۇرۇق تاغدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قۇملۇقنىڭ تۇتىشىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلەپ تۇرىدۇ، بۇ ناھايىتى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى ھېسابلىنىدۇ.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى