تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كەلپىن ناھىيەسى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەپ بەخت ئىشىكىنى ئاچتى

نامراتلىق ئۇۋىسىدىن كۆچۈرۈش    نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش

كەلپىن ناھىيەسى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەپ بەخت ئىشىكىنى ئاچتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن دېڭ لىجۈەن خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسىدىكى ئاقسۇ شىنجۆ توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ توقۇش سېخىدا، تۇرسۇنقارى ئايۇپ خوتۇنى ھەبىبەم ئەنۋەر بىلەن بىللە كىيىم تىكىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. 2017 - يىلى، تۇرسۇنقارى ئائىلىسى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۇرچى يېزىسى يۇقىرىس كەنتىدىن بۇ ناھىيەنىڭ ئاچال بازىرى بەخت كەنتىگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ نامرات ئائىلە بەختلىك تۇرمۇشنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى.

تۇرسۇنقارى ئائىلىسىدىكى ئالتە نوپۇسنىڭ كۆچۈپ كېلىشتىن ئىلگىرى ئاران ئىككى مو تېرىلغۇ يېرى، 1.5 مو باغ - ئورمان يېرى ۋە ئالتە قويى بار بولۇپ، ئىزچىل نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغانىدى.

«2017 - يىلى، ئائىلىمىز بەخت كەنتىگە كۆچۈپ كەلگەندە، ھۆكۈمەت بىز ئۈچۈن ئەمىن ئۆي ۋە باقمىچىلىق قىلىدىغانغا قىشلىق قوتان سېلىپ قويغان ئىكەن، يەنە بىزگە 25 مو تېرىلغۇ يەر ئايرىپ بەردى، نامراتلارنى يۆلەش قويىدىن ئوننى تەقسىملەپ بەردى. شۇ يىلى، ناھىيەنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، مەن خوتۇنۇم بىلەن بىللە شىنجۆ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ ئىشلىدۇق، بۇلتۇر، ئائىلىمىزنىڭ يىللىق كىرىمى 80 مىڭ يۈەنگە يەتتى» دېدى تۇرسۇنقارى خۇشال ھالدا.

كەلپىن ناھىيەسىگە قاراشلىق ئىككى يېزا، ئۈچ بازاردا، ئىلگىرى نامرات نوپۇس ئاساسلىقى كەلپىن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى گەزلىك بازىرى، يۇرچى يېزىسىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ ئىككى يېزا - بازاردا ئادەم كۆپ، يەر ئاز، سۇ بايلىقى كەمچىل، تەبىئىي مۇھىت ناچار ئىدى. نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، كەلپىن ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ «مۇھىم تۇتقا»نى تۇتۇپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى.

1996- يىلى، مەركەز تۈر تۇرغۇزۇپ 90 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ كەلپىن ناھىيەسىنىڭ چىلان يېزىسىدا ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش تۈرىنى يولغا قويدى. 1997- يىلى 3- ئايدىن باشلاپ، كەلپىن ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشىدە، گەزلىك بازىرى، يۇرچى يېزىسى قاتارلىق يېزا - بازاردىكى قىسمەن نامرات دېھقان - چارۋىچى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم كەڭ كۆلەمدە نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە كۆچتى، 1- قېتىم 1997- يىلى، 2- قېتىم 2005- يىلى، 3- قېتىم 2017- يىلى. كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، چىلان يېزىسى، ئاچال بازىرى كەلپىن ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي زىرائەت رايونىغا ئايلاندى، كۆچۈرۈلگەن ئامما يەر تەقسىم قىلىش ۋە يول، سۇ، توكنى ئائىلىلەرگىچە تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولدى.

كەلپىن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى مىڭفېي مۇنداق تونۇشتۇردى: نامرات دېھقان - چارۋىچىلار ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ناھىيەمىز ئۇلارنى ھويلا - ئاران ئىگىلىكى، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، «كۆچۈپ چىقالايدىغان بولۇش، مۇقىم تۇرالايدىغان بولۇش، قىلىدىغان ئىشى بولۇش، بېيىيالايدىغان بولۇش» نىشانىنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇردى.

تۇرسۇنقارى ئائىلىسى ئىلگىرى تۇرغان يۇقىرىس كەنتى تاغلىق رايونغا يېقىن بولۇپ، ھەر يىلى يازدا كەلكۈن كېلىپ، ئېتىزدىكى زىرائەتلەرنى زور زىيانغا ئۇچرىتاتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بەخت كەنتىدە، تۇرسۇنقارى ئائىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىن نەپ ئالغان 96 ئائىلە يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.

«بۈگۈنكى ياخشى تۇرمۇش ئاسان قولغا كەلمىدى، پۈتۈن ئائىلىمىزدىكىلەر پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، يەنە داۋاملىق تىرىشىپ، ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرىمىز» دېدى تۇرسۇنقارى.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر، كەلپىن ناھىيەسى جەمئىي 2718 ئائىلىدىكى 13 مىڭ 309 ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 23 كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %2.87كە تۆۋەنلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ