تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار گاۋ جىڭ، دۇڭ جۈن) گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 10- ئاينىڭ 14- كۈنى «جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.

ئاق تاشلىق كىتاب تەخمىنەن 12 مىڭ خەت بولۇپ، كىرىش سۆز، جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر، جۇڭگوچە ئاشلىق بىخەتەرلىكى يولى، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق، كەلگۈسىگە نەزەر ۋە سىياسەت تەشەببۇسى، خاتىمىدىن ئىبارەت ئالتە قىسىمغا بۆلۈنگەن. ئاق تاشلىق كىتابتا دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، 1996- يىلى، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلىتىمىز ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتە يولغا قويغان بىرقاتار فاڭجېن - سىياسەت ۋە تەدبىر - چارىلەر نۇقتىلىق شەرھلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئاشلىقتا سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقتىكى پىرىنسىپال مەيدانى تونۇشتۇرۇلغان ھەم كەلگۈسىدىكى جۇڭگونىڭ ئاشلىق مەسىلىسى توغرىسىدىكى سىياسەت تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ۋە بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق جۇڭگو يېزا ئىگىلىكى ئاساسى ئىنتايىن ئاجىز، خەلق تۇرمۇشى ئىنتايىن نامرات بولۇش ئاساسىدا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئاشلىقتا ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنى تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن نوپۇسنىڭ تاماق يېيىش مەسىلىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ۋە ئوزۇقلىنىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ چوڭ ئىش قىلىپ، «دانلىق زىرائەتتە ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنى تەمىنلەشكە، ئوزۇقلۇق ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش»تىن ئىبارەت يېڭى ئاشلىق بىخەتەرلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىمىزنى ئاساس قىلىش، مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قارىتىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، مۇۋاپىق ئىمپورت قىلىش، پەن - تېخنىكىنى تايانچ قىلىشتىن ئىبارەت دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى ئورنىتىپ، جۇڭگوچە ئاشلىق بىخەتەرلىكى يولىنى تېپىپ چىقتى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قارىتىپ، ئاشلىقتا ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ قاتتىق تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، «ئاشلىقنى يەر ئارقىلىق ساقلاش، ئاشلىقنى تېخنىكا ئارقىلىق ساقلاش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك ئىسلاھات ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئاشلىق ئوبوروتىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئاشلىق تەمىنات قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى، ئاشلىق كەسىپ ئىگىلىكى پۇختا قەدەمدە راۋاجلاندى، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئاشلىق بىخەتەرلىك كاپالىتى سىستېمىسى پەيدىنپەي ئورنىتىلدى، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىك كاپالىتى تېخىمۇ كۈچەيدى، جۇڭگوچە ئاشلىق بىخەتەرلىكى يولى ماڭغانسېرى پۇختا ۋە مۇكەممەل بولدى، ماڭغانسېرى كېڭەيدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا جۇڭگو دۇنيا بىلەن تەقدىرداش، مەنپەئەتداش. جۇڭگو ئېچىۋېتىشچان، سىغدۇرۇشچان، باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان پىرىنسىپقا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، ئاشلىقتا سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ