تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

باغراش ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى دۇڭگۇا تېرىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جوۋ خەيشيا، ئىخىتىيارىي مۇخبىر ياۋ شيا خەۋىرى) «دۇڭ ئاكا، بۇ قارا پوستلۇق دۇڭگۇا نېمانداق چىرايلىق، سېتىۋالىدىغانلار چوقۇم كۆپقۇ دەيمەن.»

  «يامان ئەمەس، بىر كۈندە بىر ماشىنا ساتقىلى بولىدۇ، بىر ماشىنا بەش توننىدىن ئاشىدۇ.»

  ھازىر، دەل دۇڭگۇانى يىغىش ۋاقتى. 10- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى تاۋۇن جۆگۈن يېزىسى خار ئىنگىن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى دۇڭ لىسەي بىر تەرەپتىن يۈك ئاپتوموبىلىغا دۇڭگۇا قاچىلىغاچ، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئاپتوموبىلغا دۇڭگۇا قاچىلاۋاتقان باغراش ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1- شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ياڭ يۇڭگاڭ بىلەن پاراڭلاشتى.

  «بۇلتۇر، ياڭ يۇڭگاڭ مېنىڭ ئىككى مو يەرگە قارا پوستلۇق دۇڭگۇا تېرىشىمغا يېتەكچىلىك قىلدى، تېرىقچىلىق تېخنىكىسىغا پۈتۈنلەي يېتەكچىلىك قىلىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭ جيۇدىڭ نەشپۈت شەھەرچىسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدىكى كۆكتات سودىگەرلىرىنى ئىشىك ئالدىغا كېلىپ مال سېتىۋېلىشقا ئالاقىلىشىپ بەردى، دۇڭگۇانىڭ ھەر بىر كىلوسىنى 0.5 يۈەندىن ساتساق، ھەر مو يەردىن 4000 يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ قىزىلچا تېرىغانغا قارىغاندا پايدىسى كۆپ. بۇ يىل مەن يەنە ئالتە مو يەرگە دۇڭگۇا تېرىدىم، كىرىمىمنىڭ 20 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىدا گەپ يوق.» دېدى دۇڭ لىسەي ھېسابلاپ تۇرۇپ.

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۇڭ لىسەي تېرىغان قارا پوستلىق دۇڭگۇانىڭ ھەممىسى تەكشى چوڭ بولغان، ئادەتتىكى دۇڭگۇالاردىن خېلىلا چوڭ بولۇپ، ئېغىرلىقى ئون نەچچە كىلوگرامغا يېتەتتى.

  لىق دۇڭگۇا قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىل ماڭغاندىن كىيىن  1600 يۈەندىن ئارتۇق نەق پۇلنى قولىغا ئالغان دۇڭ لىسەينىڭ چېھرىدە خۇشاللىق تەبەسسۇمى جىلۋىلەندى.

  دېھقانچىلىق دورىسى چېچىلمىغان، خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلىتىلمىگەن بولغاچقا، ئىشلەپچىقىرىلغان دۇڭگۇانىڭ سۈپىتى ياخشى، تەملىك، مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى، شۇڭا بازارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ھازىر بۇ مەھسۇلاتلار ئاساسلىقى ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەرگە ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ.

  «راستىنى ئېيتقاندا بىز پۇقرالار پەقەت باش چۆكۈرۈپ يەر تېرىشنىلا بىلىمىز، بىزدە پىكىر يولى كەمچىل، نەزەر دائىرىمىز تار، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، بىز كۈچىمىزنى قەيەرگە ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۇق.» دېدى دۇڭ لىسەي تولۇق ئىشەنچ بىلەن.

  «بىز داۋاملىق دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، سېتىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىغا تۈرتكە بولىمىز.»دېدى ياڭ يۇڭگاڭ.

بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ