خەلق تورى خەۋىرى: ئالتۇن كۈز ئايلىرىدا، شىنجاڭ ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى موڭغۇلكۈرە يايلىقى ئالتۇن رەڭدىن تون كىيدى، تېكەس دەرياسى بويىدىكى رەت-رەت ئىككىلەمچى ئورمان سېرىق رەڭگە كىرىپ، كۈزنىڭ سالقىن ھاۋاسى ھۇزۇر بېغىشلايتتى، پەسىل قۇشلىرى كۆكتە ئەركىن پەرۋاز قىلىپ، ئاتلار ئالتۇن رەڭ يايلاقتا قانغۇچە ئوتلايتتى. ئاسمان بىلەن بۇلۇت، تاغ بىلەن سۇ بىر گەۋدىلەشكەن، كۆپكۆك سۈزۈك ئاسمان، ئالتۇن رەڭلىك ئورمان، جىمجىت ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى ۋە يىراقتىكى قورۇقلار كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان ئالتۇن كۈز كارتىنىسىنى شەكىللەندۈردى. (ليۇ ۋېنۋۇ، چىن جيې، چېن روڭجياڭ)
شىنجاڭ موڭغۇلكۈرە يايلىقىنىڭ ئالتۇن كۈز مەنزىرىسى كىشىلەرنى مەستخۇش قىلدى
مۇھەررىر :
پەرغانە غوپۇر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/10/16 12:14
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.