شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۇنشيانىڭ 10- ئاينىڭ 11- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىز 2018- يىلى ئىش ئۈستىدە يارىلانغان (ئۆلۈپ كەتكەن) ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى تەڭشىگەن. بۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىش ئۈستىدە يارىلانغان (ئۆلۈپ كەتكەن) ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى سەۋىيەسىنى ئۇدا 15- يىلى تەڭشىشى بولۇپ، 8044 ئادەمگە نەپ يەتكۈزىدىكەن.
بۇ قېتىملىق تەڭشەشنىڭ دائىرىسى 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن بۇرۇن ئاي بويىچە مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى، تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققى، تۇغقانلىرىنى بېقىش نەپىقە پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئىش ئۈستىدە يارىلانغان خادىملار بولۇپ، تەڭشەش ۋاقتى 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.
بۇ قېتىملىق تەڭشەش ئۆلچىمى: مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلۈپ، ئايدا كىشى بېشىغا 194 يۈەن كۆپەيتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 1- دەرىجىدىن 4- دەرىجىلىككىچە بولغان ئىش ئۈستىدە يارىلىنىپ مېيىپ بولغان خادىملارنىڭ ئايلىق مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى كىشى بېشىغا 3249 يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ؛ تۇغقانلىرىنى بېقىش نەپىقە پۇلى ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلۈپ، ئايدا كىشى بېشىغا 84 يۈەن كۆپەيتىلىپ، كىشى بېشى نەپىقە پۇلى 1410 يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ؛ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققى ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلۈپ، ئايدا كىشى بېشىغا 98 يۈەن كۆپەيتىلىپ، تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققى كىشى بېشىغا 1644 يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى چېن خۇڭيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: يۇقىرىدىكى ئۈچ تۈرلۈك تەمىناتنى تەڭشەش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونىمىز 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان ئىش ئۈستىدە يارىلانغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تاماق ياردەم پۇلى ھەققى ھەمدە بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايوندىن باشقا جايغا بېرىپ داۋالىنىش مەزگىلىدىكى قاتناش، ياتاق ياردەم پۇلى ھەققى ئۆلچىمىنى تەڭشەيدۇ، كونكرېت مۇنداق بولىدۇ: ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئۈستىدە يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغاندىكى تاماق ياردەم پۇلى ھەققى ھەربىر ئادەمنىڭ كۈنىگە 26.5 يۈەنگە تەڭشىلىدۇ؛ بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايوندىن باشقا جايغا بېرىپ داۋالانغان مەزگىلدىكى قاتناش ھەققى پويىزنىڭ قاتتىق كارىۋىتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ياكى ئوق پويىزنىڭ 2- دەرىجىلىك ئورنى، پاراخوتنىڭ 3- دەرىجىلىك بۆلۈمچىسى، ئاپتوموبىل بويىچە ئەينەن ئاتچوت قىلىنىدۇ، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنىڭ تالونىغا ئاساسەن %50ى تۆلەپ بېرىلىدۇ. ياتاق ھەققى ئۆلكە مەركىزى (پىلانى ئايرىم شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۇرۇشلۇق جايدا ھەربىر ئادەمگە كۈنىگە 120 يۈەنلىك، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر تۇرۇشلۇق جايدا ھەربىر ئادەمگە كۈنىگە 100 يۈەنلىك، ناھىيە بازىرى تۇرۇشلۇق جايدا ھەربىر ئادەمگە كۈنىگە 80 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ئاتچوت قىلىپ بېرىلىدۇ.
تەلەپ بويىچە، ھەرقايسى جايلار ئىش ئۈستىدە يارىلانغان (ئۆلۈپ كەتكەن) ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تەڭشەلگەن مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى، تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققى، تۇغقانلىرىنى بېقىش نەپىقە پۇلىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك تەمىناتنى 2019- يىلى 10- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ قولىغا تارقىتىپ بېرىشى كېرەك.