تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دىققەتنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش بىلەن تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش

− سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن

سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ خەيجۈن

2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، بۇرچقا يېتەكچىلىك قىلدى. مېخانىزم بەرپا قىلىش ئارقىلىق، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەگە بولغان ئۆگىنىش ۋە تەسىراتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

 شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش

سانجى ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋاقتىدا ئەگىشىپ ئۆگىنىش، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر (باغچە رايونى)، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار دائىرىگە ئايرىش، گۇرۇپپىغا ئايرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ۋاقىتنى تەڭشەپ ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇردى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئوبلاستتا مەركەزلىك ئۆگىنىش نۇقتىسىدىن جەمئىي 186نى تەسىس قىلدى. سانجى ئوبلاستلىق پارتكوم 11 يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، قاتتىق، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆتكەلنى ئىگىلىدى.

ئوخشاش بولمىغان تۈر، ئوخشاش بولمىغان ساھەدىكى پارتىيە ئەزالىرىغا قارىتا، بازىدا ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، ئۆيىگە بېرىپ ئۆگىنىشنى يەتكۈزۈش، يىراقتىن ئوقۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھازىرغا قەدەر، سانجى ئوبلاستى ياشانغان، تېنى ئاجىز، ھەرىكىتى قولايسىز پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆيىگە 1700دىن ئارتۇق ئادەم قېتىم بېرىپ ئۆگىنىشنى يەتكۈزدى، كۆچمەن چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرىغا «ئات ئۈستىدە ئۆگىنىشنى يەتكۈزۈش»، «كىگىز ئۆي دەرسخانىسى»نى 420دىن ئارتۇق ئادەم قېتىم قانات يايدۇردى، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىغا بارغان جايدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاساس قىلىپ، چىققان جايدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى قوشۇمچە قىلىپ، 605 ئادەم قېتىم ئۆگىنىشنى يەتكۈزدى، ئوقۇشلۇق ئەۋەتتى.

سانجى ئوبلاستىدىكى ئورگان، ئاساسىي قاتلام، مەكتەپ، دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش سىستېمىسى پۈتۈن ئوبلاستتىكى 5000 دىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى قاپلىدى. سانجى ئوبلاستى بۇ باشقۇرۇش سىستېمىسى بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇپ، «بەلگىلەنگەن ھەرىكەت»نى سىستېمىغا ئىلمىي گىرەلەشتۈرۈپ، دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. ھەرقايسى ئورۇنلار سىستېمىلىق ھالدا ئۆگىنىش مەزمۇنى تۇرغۇزۇپ، ئۆگىنىش تىزىملىكى تارقىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، پارتىيە دەرسى، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنىنى بۆلەكلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ باش تېما تەربىيەسى خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتتى، ئەمەلىي تۇتتى. سىستېما يەنە كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى، پۈتۈن خادىملارنىڭ ئۆگىنىش بىلەن قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ماناس ناھىيەسى تەۋەلىك رايونغا ئايرىپ پۈتۈن ناھىيەدىكى 443 نەپەر يېزا، بۆلۈم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرغا خىزمەتتىن ئايرىپ مەركەزلىك ئۆگىنىش، تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىشنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ «شۇجى تېمىسى»نى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۆت تۈر 13 تېما قىلىپ رەتلەپ، شۇجى يېتەكچى بولۇپ بېجىرىش، شۇجى باشلامچى بولۇش، شۇجى ئۈلگە كۆرسىتىشنى قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى.

باش تېما تەربىيەسىدە، سانجى ئوبلاستى ئۆز جايىنىڭ تەربىيەلەش بايلىقىغا تايىنىپ، ئۆگىنىش ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا، «لىن زېشۈ تارىخىي ئىزلىرى كۆرگەزمىسى»، «گۇتيەن يىغىنى روھى شىنجاڭ سەپىرى باش تېما كۆرگەزمىسى»، «قىزىل كېمىنىڭ يولغا چىقىشى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە تارىخى كۆرگەزمىسى» قاتارلىق كۆرگەزمىلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا، « يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى دوكلات يىغىنى» توغرىسىدىكى ئېلېكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش فىلىمىنى كۆرۈشكە تەشكىللەپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ۋەزىيەت، سىياسەت تەربىيەسى، ئىلغار تىپلار تەربىيەسى، ئىبرەت تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىشنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقى ۋە تەسىرچانلىقىنى كۈچەيتتى.

 مەۋقەنى ئاساسىي قاتلامغا قويۇش ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش ئارقىلىق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

سانجى ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، دەرھال بىلىپ، دەرھال تۈزىتىپ، ئۆگىنىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش بىلەن تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ «ئالتۇن مىقدارى»نى نامايان قىلدى.

باش تېما تەربىيەسى باشلىنىشى بىلەنلا، سانجى ئوبلاستى مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىشقا تۇتۇش قىلىپ، مەسىلە تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، بىرقەدەر گەۋدىلىك، قىسقا مۇددەتتە ھەل قىلغىلى بولىدىغان 750تىن ئارتۇق مەسىلىنى بېكىتىپ، تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، ئېدىتلاپ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ، تۈزىتىش، ھەل قىلىشنى چىڭ تۇتتى. مەخسۇس تۈزەش ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، لايىھە بېكىتىپ، تۈزىتىش، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش ھېساباتى تۇرغۇزدى. نۆۋەتتە، 667 مەخسۇس تۈزەش مەسىلىسى رەتلىنىپ ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، 1400دىن ئارتۇق تۈزەش تەدبىرى ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى.

مەخسۇس تۈزەشنى ئىنچكىلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، سانجى ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى « دوختۇرلۇق ئەخلاقى، دوختۇرلۇق ئىستىلى»، «ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيى» ۋە «جەمئىيەت پاناھلاندۇرۇش» قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، قاتتىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈردى؛ سانجى ئوبلاستىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» مۇلازىمەت ئىشلىرىنى توردا بېجىرىشنى يولغا قويۇپ، 21 تۈرلۈك نوپۇس كەسپىنى توردا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ سانجى ئوبلاستلىق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى ئالاھىدە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەر ئۈچۈن «يېشىل يول» ئېچىپ، توردا تېلېفون بېرىپ باشقا جايدا داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، ئاتچوت قىلىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇردى.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، فۇكاڭ شەھىرى «كەنت ئاھالىلىرى ئەھۋال ئىنكاس قىلىش كۈنى» ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، 41 نەپەر شەھەر رەھبىرى ھۆددە ئېلىش - ئالاقىلىشىش كەنتلىرىنىڭ «كەنت ئاھالىلىرى ئەھۋال ئىنكاس قىلىش كۈنى» پائالىيىتىگە ئۆز قەرەلىدە قاتناشتى، ھەربىر پارتىيەلىك كادىر «تۇنجى سورىغۇچى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى»نى يولغا قويۇپ، پۈتۈن مۇساپە بويىچە ئىز قوغلاپ بېجىردى. ھازىرغا قەدەر، ھەرقايسى كوچا باشقارمىلىرىغا 832 پارچە تالون ئەۋەتىلىپ، 795 پارچىسى بېجىرىلىپ، بېجىرىلىش نىسبىتى %95.5كە يەتتى. «<كەنت ئاھالىلىرى ئەھۋال ئىنكاس قىلىش كۈنى> پائالىيىتى ياخشى بولۇپ، چوڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىزغا ياردەم بەردى» دېدى فۇكاڭ شەھىرىنىڭ شۈيموگۇ يېزىسى شۈيموگۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى دوۋلەت.

ماناس ناھىيەسى خەنكازىتەن يېزىسى دۇڭئەن كەنتىدە ئارتۇق ئەمگەك كۈچى كۆپ بولۇشتەك ئەمەلىيەتكە قارىتا، «ئايال ئىشلەمچىلەر ئەترىتى»نى پائال ماسلاشتۇرۇپ تەشكىللەپ قۇردى. «ئايال ئىشلەمچىلەر ئەترىتى»نىڭ ئەزاسى ما يۈمېي مۇنداق دېدى: «ئايال ئىشلەمچىلەر ئەترىتىگە كىرگەندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ روھىي قىياپىتى ئۆزگەردى، ئىگىلىك تىكلەپ ئىشلەشكە بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى».

سۇلۇق يەر ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ۋۇگۇڭتەي بازىرى 3 مىليون 960 مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، 9.8 كىلومېتىر سۇلۇق يەر ئايلانما تاشيولى ياسىدى. قۇتۇبى ناھىيەسى ۋۇگۇڭتەي بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ جيې مۇنداق دېدى: «تاشيول ياسالغاندىن كېيىن، داچۈەن كەنتى، شياۋچۈەن كەنتى ۋە بەيچۈەن كەنتىدىكى ئالتە كىۋادرات كىلومېتىرغا يېقىن سۇلۇق يەرنى تۇتاشتۇرۇپ، ھەم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەپەر قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىلدى، ھەم يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى».

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، سانجى ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار 4314 مەسىلە تىزىملىكى تۇرغۇزدى، 17 مىڭ 302 مەسىلىنى تەكشۈرۈپ كۆزەتتى، 5539 مەسىلىنى تۈزەشنى تاماملىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ