تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ چاڭ): يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ بۇ ناھىيەنىڭ شىخاۋچۈ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت كادىرلىرى، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى، كەنت ئاھالىلىرى قاتارلىقلاردىن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ھويلا-ئارانلارنى گۈزەللەشتۈرۈشنى پائال قانات يايدۇردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنجى ناھىيەلىك ھەر دەرىجىلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ئائىلىلەرگە مەسئۇل كادىرلارنى ئائىلىلەرگە كىرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا-ئاران مۇھىتىنى پىلانلاپ، ھويلا-ئاران مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە تەشكىللىدى. ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى يوق قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە قارىتا خىزمەت ئەترىتى دەل ۋاقتىدا پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى ياردەم بېرىشكە تەشكىللەپ، ھويلا-ئاران تازىلىقى، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى ياخشىلاپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ھەقىقىي ياخشىلىدى.
بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى