10- ئاينىڭ 8- كۈنى، شىنجاڭ بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى دەنزىل بازىرىدىكى ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن كادىرلار بوغدا كەنتى رۈيفېڭيۈەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا جۇخارگۈلى ئۈزۈشكە ياردەم بەرمەكتە.
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر دۇڭ جىچۈن خەۋىرى، فوتوسى) بۇ يىل، بوغدا كەنتىدىكى رۈيفېڭيۈەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى كىرگۈزگەن ھەم چاي ھەم دورا ئورنىدا ئىككى خىل ئىشلىتىلىدىغان بېيجىڭ جۇخار گۈلىنى 100 مو يەرگە سىناق قىلىپ تېرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر مو يەردىن ئالغان مەھسۇلاتنى قۇرۇتقاندا 150 كىلوگرام قۇرۇق مالغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن، مو بېشى كىرىمى 5000 يۈەندىن ئاشىدىكەن. يېقىنقى ئىككى يىلدا، بوغدا كەنتى رۈيفېڭيۈەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇ بازاردىكى 3000 مو تارقاق يەرنى قوشۇپ، يېڭىچە تەپەككۇر ئىدىيەسى بىلەن ئىقتىسادىي زىرائەت ۋە ساياھەت يېزا ئىگىلىكىنى زىچ بىرلەشتۈدى. بۇ يىل 500 مودىن ئارتۇق يەرگە ئوسما يىلتىزى، بېيجىڭ جۇخار گۈلى تېرىپ، گۈل پەسلىدە 30 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. كېلەر يىلى ساياھەت يېزا ئىگىلىك كۆلىمىنى 1000 مودىن ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا ساياھەتچىلىكىگە تۈرتكە بولۇپ، يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاشنى پىلانلىدى.