تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىتتىپاقلىق گۈللىرى ئورتاق سۇغىرىلدى  باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى مۇجەسسەملەندى

− ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى

ئىككىنچى تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»نىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

 ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلدى

«ياڭاق ساتىمەن! ياڭاق ساتىمەن! ھەممىسى تۇغقىنىم ئۆزى ئۆستۈرگەن قەغەز ياڭاق، بىر كىلوسى 15 يۈەن، يەتتە كىلوسى 100 يۈەن.» بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاتۇش شەھىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە «يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات»لارنى چىقىرىپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىغا ياردەملىشىپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىپ بەردى.

باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار مول، رەڭگارەڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئاساس خاراكتېرلىك خىزمەت قىلىپ چىڭ تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى.

10- ئاينىڭ 5- كۈنى كەچتە، پەيزاۋات ناھىيەسى شاپتۇل بازىرىنىڭ جايئېرىق كەنتىدىكى 400 نەچچە كەنت ئاھالىسى بىلەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ھەم «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، پائالىيەت ئىككى يېرىم سائەت داۋاملاشقان بولسىمۇ، كۆپچىلىكنىڭ يەنىلا قايتقۇسى كەلمىدى.

«ھازىر كەنتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن پەيزاۋات ناھىيەسى شاپتۇل بازىرىنىڭ جايئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1- شۇجى بەختىگۈل ھېسامىدىن مۇنداق دېدى: باش تېما تەربىيەسى جەريانىدىكى ئۆگىنىش ئارقىلىق، كۆپچىلىك ئاساسىي قاتلامدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ يېزا - كەنت، مەھەللىلەرگە بېرىپ، ئاممىنىڭ پىكرىگە قۇلاق سېلىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارغا ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقى بارلارنى يۆلەپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.

10- ئاينىڭ 2- كۈنى سەھەردە تاڭ ئەمدىلا يورۇشى بىلەن، شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە داشۆسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار يېڭىسار ناھىيەسى ماڭشىن بازىرىنىڭ قاراباش لەڭگەر كەنتىدىكى مور ئۆستۈرۈش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ زەمبۇرۇغ خالتىلىرىنى رەتلەپ، ئارىلاش زەمبۇرۇغلارنى تازىلىشىپ بەردى، كۆپچىلىك بىللە ئەمگەك قىلىپ بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە داشۆسى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، باش تېما تەربىيەسىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. يېقىنقى مەزگىلدە، بۇ مەكتەپ ئۈچ تۈركۈمدە 36 تۇغقانلاشقان كادىرنى كەنتكە بېرىشقا تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن مول، رەڭگارەڭ بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ - قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاممىنىڭ جىددىي ئىش ۋە قىيىن ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بولغان دوستلۇق مېھرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

 جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر باش تېما تەربىيەسىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى مەكتەپنىڭ «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى.

9- ئاينىڭ 22- كۈنى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسىدىكى مەكتەپ پارتكوم، مەمۇرىيەت رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ 824 كىشى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆزلىرى ئالاقىلەشكەن سىنىپلاردا ئېچىلغان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش» باش تېما تەربىيەسى سىنىپ يىغىنىغا قاتناشتى. سىنىپ يىغىنىدا بىر ئالاقىلەشكەن ئوقۇتقۇچى مۇنداق دېدى: «مەن بىر مائارىپ خىزمەتچىسى، مەن ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممەمگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيمەن، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەيمەن؛ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گېنىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان قىلىپ، دۆلەت ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياشلىق باھارىم ۋە كۈچۈمنى تەقدىم قىلىمەن».

شىنجاڭ سىفەن داشۆسى باش تېما تەربىيەسىدە، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ «چوڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە» ۋەزىيىتى بەرپا قىلىپ، بارلىق خادىملارنى پۈتۈن جەريانلىق، ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلەشنى ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دېگەن ئىدىيەنى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزدى.

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىلى سىفەن داشۆسى پارتكومى 2019 - يىللىق «دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش، جۇڭچيۇنى تەبرىكلەش» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ۋە «قاينام - تاشقىنلىق 70 يىل، كۆتۈرەڭگۈ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى دەۋر» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار قىزىل ناخشا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار خۇشاللىققا چۆمۈپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىغا ئورتاق تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئىلى سىفەن داشۆسى يەنە «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتى سۇپىسى ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىياتىنى يۇغۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار قىسمەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق ياردەم پۇلى ۋە قۇياش نۇرى ئوقۇش ياردەم فوندى ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بەردى.

ئالتاي شەھىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى باش تېما تەربىيەسىدىكى «زۆرۈر دەرسلىك» قىلىپ، تۈركۈمگە، قېتىمغا بۆلۈپ ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى «قورجا» مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈش، ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. كۆپچىلىك چۈشەندۈرگۈچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ھەربىر پارچە سۈرەت، ھەربىر پارچە خاتىرە، ھەربىر كونا بۇيۇم ئالدىدا قەدىمىنى توختىتىپ، ئالتاي شەھىرىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈش ھېكايىسىنى تەپسىلىي ھېس قىلدى، تەسىرات ئالدى.

ئالتاي شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپى ئايشىۋاق تۇرسۇن مۇنداق دېدى: پېشقەدەم بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھى كىشىنى قايىل قىلىدۇ، بىزمۇ ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەتراپىمىزدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىلىرىدىن ئۆگىنىپ، بىللە ئولتۇراقلىشىش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىش داۋامىدا ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار جانلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى يەنىمۇ چىڭىدى. باش تېما تەربىيەسىدە، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ھەر مىللەت ئاممىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت بۇ «جان تومۇر»نى قەتئىي ياخشى قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ جىيۈن، شيا چىڭ، جاۋ شىيا، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋاڭ كېشيا، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى جاۋ يىڭ، لى يافېڭ، ۋاڭ يۈلى، چېن چېن يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ