شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 10- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېي خۇا، ۋاڭ خاۋمىڭ): جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى 2022- يىللىق قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاسىيا رايونى بويىچە ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى 40 كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىدە چوڭ نومۇر پەرقلىق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، يەنى، جۇڭگو كوماندىسى گۇاڭجوۋدا ئۆز مەيدانىدا 0گە قارشى 7 نەتىجىدە گۇئام كوماندىسىنى يەڭدى، بۇنىڭدا ھۇجۇمچى ياڭ شۈ ئالدىنقى يېرىم مەيداندىلا تۆت توپ كىرگۈزدى.
بۇ قېتىملىق 40 كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىدە، تۇنجى ئايلانمىدا رىقابەتچىسىگە يېڭىلىپ قالغان جۇڭگو كوماندىسى ئىككىنچى ئايلانمىدا قارشى تەرەپ مەيدانىدا 0گە قارشى 5 نەتىجىدە مالدىۋې كوماندىسىنى يەڭدى، گۇئام كوماندىسى ئىككىلا مەيدان مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولۇپ، گۇرۇپپىنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلدى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىگە سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ مەيدانغا تۇنجى چىقارغان ماھىرلىرىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى، سول تەرەپ بېك ئورنىدا لى شۇەي يارىلانغان لى لېينىڭ ئورنىغا چىقتى، ھۇجۇمچىلاردىن يەنىلا ئەي كېسېن، ۋۇ لېي، ياڭ شۈ ھەمكارلاشتى، خاۋ جۈنمىن كوماندا باشلىقى بولدى.
ئەمەلىي ئىقتىدارى ئاجىز بولغان گۇئام كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە جۇڭگو كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپلا مەيداندا ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتتى ھەمدە 6- مىنۇتتا بىر توپ كىرگۈزدى. 16- مىنۇت ۋە 19- مىنۇتتا، ۋۇ لېي بىلەن ياڭ شۈ ئۈچ مىنۇت ئىچىدە ئىككى توپ كىرگۈزدى، شۇنىڭ بىلەن، گۇئام كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا جەمئىي ئۈچ توپ كىردى. 24- مىنۇتتا، قارشى تەرەپ ۋاراتارسى دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرمىگەنلىكتىن، ياڭ شۈ چەبدەسلىك بىلەن يەنە بىر توپ كىرگۈزدى، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو كوماندىسى جەمئىي تۆت توپ كىرگۈزدى. يەتتە مىنۇتتىن كېيىن، ۋۇ لېي چەكلەنگەن رايونغا كىرىپ، ياڭ شۈگە پاس بەردى، ياڭ شۈ يەنە بىر توپ كىرگۈزدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يالغۇز بىر ئادەملا قارشى تەرەپ ۋاراتاسىغا جەمئىي تۆت توپ كىرگۈزدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان تولۇقلىما ۋاقىت باسقۇچىدا، ۋۇ شى بىر كاللا توپ كىرگۈزدى، شۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە نومۇرى جۇڭگو كوماندىسى 0:6 گۇئام كوماندىسى بولدى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە جۇڭگو كوماندىسى يەنىلا رېتىمىنى چىڭ ساقلىدى، كۆپ قېتىم توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ بىراق نومۇر پەرقىنى ئۆزگەرتەلمىدى. چوڭ نومۇر پەرقىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن جۇڭگو كوماندىسى ماھىرلارنى ئالماشتۇردى، لى كې، جاڭ شىجې، ۋېي شىخاۋ مەيدانغا چىقتى. 75- مىنۇتتا، جۇڭگو كوماندىسى ئاخىرى كېيىنكى يېرىم مەيداندىكى بىرىنچى توپىنى كىرگۈزدى، بۇ توپنى ئەي كېسېن كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتىدا، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ يەنىلا توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتى بار ئىدى، بىراق لى شۇەينىڭ چەكلەنگەن رايوندا قارشى تەرەپ ۋاراتاسىغا تەپكەن توپى ۋاراتانىڭ گىرۋىكىگە تېگىپ قاڭقىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو كوماندىسى 0:7 نەتىجىدە چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.
بۇ قېتىملىق 40 كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىنىڭ قائىدىسىگە ئاساسلانغاندا، سەككىز كىچىك گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولغان كوماندا بىلەن نەتىجىسى ئەڭ ياخشى ئىككىنچى بولغان كوماندا كېيىنكى ئايلانمىلىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاسىيا رايونى بويىچە ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ 12 كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. 10- ئاينىڭ 15- كۈنى، جۇڭگو كوماندىسى داۋاملىق 40 كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ، يەنى قارشى تەرەپ مەيدانىدا فىلىپپىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.