تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

20 ئۆلكىنىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى ساياھەت كىرىمى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

تيەنئەنمېن مەيدانى ئېكىسكۇرسىيە، ساياھەتنىڭ بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، زور بىر تۈركۈم ساياھەتچىلەر خەلق مەيدانىغا كېلپ دۆلەت بايرىمىلىق گۈل مەنزىرىسىنى كۆرمەكتە.

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى: (مۇخبىر ليۇ جيا) 2019- يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئاياغلاشتى، ئېلان قىلىنغان دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى 20 ئۆلكىنىڭ ساياھەت كىرىمى تىزىملىكىدە، سىچۇەن ئۆلكىسى 53 مىليارد 42 مىليون يۈەن بىلەن ساياھەت تىزىملىكىدە بىرىنچى بولدى. تىزىملىكتىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يەتتە ئۆلكىنىڭ ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 40 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، ئايرىم-ئايرىم ھالدا سىچۇەن، خېنەن، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، گۇيجوۋ، سەنشى ۋە خۇنەندىن ئىبارەت يەتتە ئۆلكە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 60 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.

  2018- يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ساياھەت كىرىمى ئەھۋالىنى سېلىشتۇرغاندا، چۇڭچىڭنىڭ ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.8 ئېشىپ، 20 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ئىچىدە ساياھەت كىرىمى ئەڭ تېز ئاشقان ئۆلكە بولۇپ قالغان، خېيلۇڭجياڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى ئومۇمىي سانى ئەڭ تېز ئاشقان ئۆلكە بولۇپ، %235كە يەتكەن.

  مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۆلچەرلىشىچە، 2019- يىلى دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 782 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.81 ئاشقان؛ دۆلەت ئىچكى ساياھەت كىرىمى 649 مىليارد 710 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.47 ئاشقان. بۇ يىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى رەڭدار، مول مەزمۇنلۇق بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاساسىي مېلودىيەسى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش كۈنى ساياھەت بازىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، نامايىش باش تېمىلىق چاسا ئەترىتى ۋە يەرلىك بېزەك ئاپتوموبىل كۆرگەزمە ئامىللىرى ساياھەتچىلەر كۆپ بارىدىغان جايغا ئايلانغان، قىزىل ساياھەت دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەت بازىرىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىگە ئايلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ