تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چېن تىڭتىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر تۇ شىن خەۋىرى، فوتوسى): ئويۇن قويىدىغان كىچىك سەھنە، كۈنلۈك ئاستىغا قويۇلغان تاماق ئۈستەللىرى، مىللىي ئەنئەنىۋى يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى ۋە قول ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى مەركەزلىك نامايەن قىلىنغان ياغاچ ئۆي . . . يېقىندا، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بورتالا شەھىرى كەيپىڭخۇ باغچىسىنىڭ غەربىدە يېڭىدىن بىر ساياھەت نۇقتىسىنى كۆپەيدى، بۇ يەر ئېچىلىپ، تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى بۇ يەرگە كېلىپ سەيلە قىلغاچ سۈرەتكە چۈشتى، بۇ جاي توردىكى ئەڭ مودا بولۇۋاتقان نۇقتىغا ئايلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەنزىرە نۇقتىسىنى بورتالا شەھەرلىك مەدەنىيەت- ساياھەت ئىدارىسى بىلەن بورتالا شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى بىرلىشىپ قۇرغان. شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، مەنزىرە نۇقتىسىنىڭ كىچىك سەھنىسىدە قەرەللىك ھالدا تۈرلۈك ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى قويۇپ، شەھەر ئاھاللىرىگە ئېسىل نومۇرلارنى تەقدىم قىلىشقا ئارتىس تەكلىپ قىلىنغان.
بورتالا شەھەرلىك مەدەنىيەت- ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نەدەمەت مۇنداق دېدى:«ھازىر نۇرغۇنلىغان شەھەر ئاھالىسى كەچتە سىرتقا چىقىپ غىزالىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، كۈندۈزدىكى ئالدىراش خىزمەتتىن كېيىن ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سىرتقا چىقىپ ئارام ئالىدۇ، بەدەن چېنىقتۇرىدۇ، كۆل بويىدا سەيلە قىلىدۇ، باغچىنى تاماشا قىلىدۇ. كەيپىڭ كۆلىنى داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، بىز كەيپىڭ كۆلى باغچىسىنىڭ يۆلىياڭۋەن مەنزىرە نۇقتىسىدا <توردا مودا بولۇۋاتقان نۇقتا> تەسىس قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق. كېيىنكى مەزگىلدە، بىز يەنە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنزىرە رايونىنىڭ يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، بورتالانىڭ يېڭى ئوبرازىنى يارىتىپ، شەھەر ئادىمىيەت ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايەن قىلىمىز.»