شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: بۇنىڭدىن كېيىن، مەيلى قايسى پەسىل بولسۇن، ھاۋانىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان ھالدا، ئالتايلىقلار ئىشىك ئالدىدىلا تۆت پەسىللىك مۇز تېيىلىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلالايدىغان بولدى. 9- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى تۇنجى ئۆي ئىچى مۇز تېيىلىش مەيدانى _ شۆدۇ جىمۇ مۇز تېيىلىش مەيدانىغا رەسمىي ۋېۋىسكا ئېسىلدى ھەمدە شەھەر ئاممىسىغا ئېچىۋېتىلدى.
شۆدۇ جىمۇ مۇز تېيىلىش مەيدانى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ياردىمىدە قۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىي 1 مىليون 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. مۇخبىر مۇز تېيىلىش مەيدانىغا كىرىپ، 400 كىۋادرات مېتىرلىق مۇز تېيىلىش مەيدانىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ 0 سېلسىيە گىرادۇس ئىكەنلىكىنى، لېكىن ناھايىتى خۇشال ئويناۋاتقان ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەڭزىدىن تەر تەپچىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
باۋرجان ماقسات باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدىن باشلاپ تېز تېيىلىشنى ئۆگەنگەن بولۇپ، ھازىر تۆت يىل بولغان. باۋرجان ماقسات مۇنداق دېدى: «ئۆي ئىچى مۇز تېيىلىش مەيدانى بولسا، مەنمۇ ھەركۈنى مۇز ئۈستىدە مەشىق قىلالايمەن، بەك ياخشى بولدى.»
مۇخبىرنىڭ ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شۆدۇ جىمۇ مۇز تېيىلىش مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇشى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆگىنىش ۋە مەشىق سورۇنى بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە شەھەر ئاھالىلىرى مۇز ئۈستى پائالىيىتىنى ھېس قىلىش قاتارلىق ئىجتىمائىي مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشىنى تېخىمۇ ياخشى قوللاپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى مەكتەپ، مەھەللە، ئىدارە-ئورۇن، كارخانىلارغا كىرگۈزۈپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى ئالتاي خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا ھەقىقىي يۈزلەندۈرىدىكەن.