تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىش

− ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسى بوستانتېرەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»خىزمەت ئەترىتى توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

ئالتۇن كۈزدىكى 10- ئايدا، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسى بوستانتېرەك كەنتى خۇشال - خۇرام كەيپىياتقا چۆمگەنىدى، پاكىز كوچىلار، چىرايلىق ئەمىن ئۆيلەر، رەتلىك، پاكىز ھويلا - ئارانلار، خۇشال ئويناۋاتقان بالىلار كەنت گۈزەل، كىشىلەر ئىناق بولغان مەنزىرىنى نامايان قىلاتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسى بوستانتېرەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەنت دەرىجىلىك كۈچ قۇرۇلۇشىدىن ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگىچە، ئاندىن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى پىلانلاشقىچە، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خۇددى قۇملۇقتىكى بوستانلىقنىڭ سۇ مەنبەسى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلب ئېتىزىنى سۇغارغاندەك، كەنت ئاھالىلىرىنى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئويۇشتۇردى.

 «ئۆلچەمنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ»، خىزمەتنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش

«كەنت كادىرلىرىدا ھۇرۇنلۇق، چېچىلاڭغۇلۇق، بوشاڭلىق قىلىش، خىزمەتنى كەينىگە سۆرەشتەك <سۆرەلمىلىك قىلىش>، سىياسەتنى چۈشەنمەسلىك، ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلىرىغا ئېتىبار بېرىش، پايدا يەتكۈزۈشتەك <قالايمىقان ئىش قىلىش> ئەھۋاللىرى بار ئىدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسى بوستانتېرەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى لى باۋشې ئەمدىلا كەنتكە كەلگەن ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى ئەگىتمەيلا ئۇدۇل ئېيتىپ.

كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىكتە كەنت كادىرلىرىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى قايتىدىن ئايرىدى، «تۆتنى كېڭىشىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش»، يوقلىما قىلىش قاتارلىق 13 تۈرلۈك تۈزۈمنى ئورناتتى، تاكامۇللاشتۇردى ھەم نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رول ئوينىماي، ئامما ئارىسىدا ئېغىر تەسىر پەيدا قىلىش؛ كەنت قىياپىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغدىماي، كەنتنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىغا تەسىر يەتكۈزۈش؛ خىزمەتتىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىش قاتارلىق سەلبىي تىزىملىكنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ سىياسىي ئىنتىزام، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش، پاك - ئىنتىزامچان بولۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئىش قىلالماسلىق، ئىش قىلماسلىقىغا ئائىت 18 ماددىلىق ھەرىكەت قىزىل سىزىقىنى ئىنچىكە بېكىتتى.

«بۇ ئامال ياخشى ئىكەن، كەنت كادىرلىرى قايسى ئىشلارنى قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى، قايسى ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىۋالدى» دېدى كەنت كادىرلىرىنىڭ ۋەزىپە ئادا قىلىش سەلبىي تىزىملىكىنى ئالغاندىن كېيىن، بوستانتېرەك كەنتى پارتىيە ياچيېكىسىنىڭ شۇجىسى بۈمەريەم سەيدى.

كەنت «ئىككى كومىتېت»ى «بەش قەدەملىك تەدبىر بەلگىلەش ئۇسۇلى»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت ئىچىدە پارتىيە ئىشلىرى، كەنت ئىشلىرى ۋە مالىيە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنى يولغا قويۇپ، يەر ئېلىپ ئىشلىتىش، مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش، پايدا تەقسىملەش قاتارلىق ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور ئىشلارنى ئاشكارىلاش تاختىسى، يېزا - كەنتتىكى چوڭ كاناي شەكلى ئارقىلىق پۈتۈن جەريان بويىچە ئاشكارىلىدى.

«بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئاممىنىڭ چۈشىنىشى كۆپەيدى، ئاغرىنىشى ئازايدى، كەنت كادىرلىرىنىڭ غەم - ئەندىشىسى تۈگەپ، ئىش قىلىش غەيرىتى ئاشتى» دېدى لى باۋشې.

 «قاراشنى ئۆزگەرتىپ»، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش

«ئائىلىمىزنىڭ ئۈچ مو يېرى بار، ئىلگىرىكى يىللاردا پەقەت كۆممىقوناق، بۇغدايلا تېرىيتتۇق، كىرىمىمىز كۆپ ئەمەس ئىدى. بۇ يىل كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىزنى جاڭدۇ تېرىشقا ھەم ئاق تۇرۇپنى كىرىشتۈرۈپ تېرىشقا يېتەكلىدى، ھەر مو يەردىكى جاڭدۇدىنلا 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم، مەن ھازىر خىزمەت ئەترىتىگە بارغانسېرى ئىشىنىدىغان بولدۇم.» كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە، نامرات ئاھالە خەلچەمخان مەتيۈسۈپنىڭ سۆزىدىن خۇشاللىق ھېسسىياتى چىقىپ تۇراتتى.

بوستانتېرەك كەنتى ئىلگىرى ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىقنى ئاساس قىلاتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى يۇقىرى ئەمەس ئىدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كەنت ئاھالىلىرىنى خاس تېرىقچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.

پارنىكتا تېرىقچىلىق قىلىدىغان ئائىلىلەرنىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە قولمۇقول تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆگىتىشكە قەرەللىك تەكلىپ قىلدى، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، كەنتتىكى 62 پارنىكتىن جەمئىي 900 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىندى.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەرنى ياخشى تېرىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى بىلەن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، يېتەكلەش مۇلازىمىتى ۋە كەسىپ جەھەتتە تەربىيەلەش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆيلىرىدىن چىقىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا ئىلھاملاندۇردى.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شەخسىي ئىقتىدارى ۋە ساپاسىغا قاراپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئوخشاش بولمىغان تەربىيەلەش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تۈرگە ئايرىپ، قاتلامغا ئايرىپ تەربىيەلەپ، تازىلىق قىلىش، ئامانلىق ساقلاش، تىككۈچىلىك قاتارلىق تېخنىكا ماھارىتى بويىچە 21 مەيدان قېتىم تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەۋەتكۈچى ئورۇننىڭ قوللىشى بىلەن، كەنتتە تازىلىق نازارەتچىسى، ئامانلىق ساقلىغۇچى قاتارلىق ئاممىۋى مەنپەئەت ئىش ئورنىدىن 13نى تەسىس قىلىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشالمايدىغان نامرات كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى. ھازىر بۇ كەنتتىكى 310 كەنت ئاھالىسى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى، كىشى بېشى ئايلىق كىرىمى 1800 يۈەندىن يۇقىرى بولدى.

 «ئەمەلىي ئىش قىلىپ»، كادىر - ئامما مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش

يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى، كەنتكە قايتسىلا، كەنت ئاھالىسى روزىخان ئابدۇقادىر كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئىش بېجىرىدىغان جايغا بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۆزىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى دەپ بېرىدۇ. «كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ خالىس ياردىمى مېنى 2- قېتىم ھاياتلىققا ئېرىشتۈردى» دېدى روزىخان.

روزىخان بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن بولۇپ، كەنتتىكى نامرات ئاھالە ئىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ساقسىز بولۇپ قالغان ئۇنىڭغا يۈرەك كىلاپانى تولۇق ئېتىلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. قىممەت داۋالىنىش خىراجىتى ۋە غايەت زور پىسخىك بېسىمدىن ئۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كۆپ تەرەپتىن 80 مىڭ يۈەن مەبلەغ غەملەپ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنى ئوپېراتسىيە قىلدۇردى. روزىخان دوختۇرخانىدىن ئوڭۇشلۇق چىققاندىن كېيىن، بىر مەزگىل كۈتۈندى، بۈگۈنكى كۈندە ناھىيە بازىرىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىدىن باشلاپ قول سېلىپ، مۇلازىمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مۇلازىمەت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، 2 مىليون 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ ئاممىۋى خىزمەت پونكىتى قۇرۇپ، مەركەزلىك ھالدا ئاممىنى سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش، ھەق تەلەپ ئىشلىرىنى بېجىرىش، ئەرزىيەتنى قوبۇل قىلىش، ماجىرانى مۇرەسسە قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. ئاممىۋى خىزمەت پونكىتى قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە، ئامما ئۈچۈن جەمئىي 1900 قېتىمدىن ئارتۇق مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىق، تەلەپلەردىن 900دىن ئارتۇقنى ھەل قىلدى.

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ «كۆڭۈل ئىزدىشى» ئاممىنىڭ «قەلبىنى ئىللىتتى». «خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.» لى باۋشې مۇنداق دېدى: «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىش غەيرىتىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىزنىڭ خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشكە ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى».

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ