تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

خۇڭشۇ تېرىپ پايدىسىنى كۆرۈش

 

  9- ئاينىڭ 20- كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7- شى 129- تۇەن 13- ليەنىنىڭ خۇڭشۇ ئېتىزلىقىدا، بىر دۆۋە يېڭىلا كولاپ چىقىرىلغان خۇڭشۇ تۇراتتى، ئىشچى سۇڭ جىنباۋ باشقىلار بىلەن خۇڭشۇنى يىغىۋېلىش، يېشىككە قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، سىرتقا سېتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

  تۇەن- مەيدانلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن بۇيان، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرۇش ئېڭى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

  2018- يىلى، 129- تۇەن 13– ليەن «ئىككى كومىتېت» نىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىشچى سۇڭ جىنباۋ بازار تەكشۈرگەندىن كېيىن، يېرىگە خۇڭشۇ تېرىدى. كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، خۇڭشۇنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلدى، مو بېشى كىرىمى 2000 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، بىر قەدەر ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىشچى سۇڭ جىنباۋ ھازىرقى ئەھۋالىغا قانائەت قىلىپ ئولتۇرمىدى، 2019- يىلى سۇڭ جىنباۋ خۇڭشۇ تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ ۋە سورتلىرىنى يېڭىلاپ، تاۋۇز ۋە كىچىك خۇڭشۇ تېرىدى، مەھەللىۋى ئوغۇت بېرىش، مۇۋاپىق سۇغۇرۇش، ئوغۇتلاش، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. نۆۋەتتە، خۇڭشۇنىڭ ھەممىسى ھوسۇل يىغىش مەزگىلىگە كىردى، يەككە تۈپنىڭ ئوتتۇرىچە مەھسۇلاتى بىر كىلوگرام كېلىدىغان بولۇپ، 2000 كىلوگرام ھوسۇل ئېلىش مۆلچەرلەندى.

  خۇڭشۇنى سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، خوڭشۇنى كولاشقا باشلىغاندىن بۇيان، 13- ليەن «ئىككى كومىتېت»نىڭ ئەزالىرى تېلېۋىزور، رادىيو، ئۈندىدار، كۇەي شوۋ، دوۋيىن قاتارلىق يوللار ئارقىلىق كىچىك خۇڭشۇنى كەڭ تەشۋىق قىلدى ھەمدە كۈيتۈن زېخۇي مېۋە- كۆكتات چەكلىك شىركىتى بىلەن خۇڭشۇنى زاكاز قىلىش ئىشلىرى توغرىسىدا پائال ئالاقىلاشتى. نۆۋەتتە، سۇڭ جىنباۋ كۈيتۈن، قاراماي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ خۇڭشۇ زاكاز تالونىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرمۇ ئېتىزغا بېرىپ خۇڭشۇ يىغىشىپ بېرىپ، ھەر كىلوگرامىنى بەش يۈەندىن سېتىۋالدى. سۇڭ جىنباۋ يەنە 129- تۇەن بەيخۇا كوچىسىدا خۇڭشۇ بىۋاستە سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلدى، ئۇ تېرىغان خۇڭشۇ تاتلىق، تەملىك بولۇپ، ھەر كۈنى نۇرغۇن خېرىدار كېلىپ سېتىۋالدى.

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ