تىيانشان تورى خەۋىرى ( ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ لۇبىن، جۇ فاچېڭ خەۋىرى، فوتوسى): ھازىر ئالتۇن كۈز پەسلى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان كىرئۇت جىلغىسىنىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل تۈسكە كىرگەن بولۇپ، تاڭ سەھەردىكى شەپەق نۇرىدا يىراقلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئالتۇن رەڭلىك تون كىيگەن توغراقلار قۇياش نۇرىدا يالتىرايتتى، قوي-كالىلار ئۆزلىرىگە تونۇش تار يولدا توپا توزىتىپ چېپىشاتتى، مەيىن شامال بۇلۇتلارنى ھەر تەرەپكە ئۇچۇراتتى، بۇ جىمجىت جايدا كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، تىك قىيا، ئورمانلار بىر-بىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خۇددى نەپىس سىزىلغان بىر پارچە ماي بوياق رەسىمدەك كۈز گۈزەللىكىنى نامايان قىلاتتى.
[سۈرەتتىكى شىنجاڭ] خېجىڭ ناھىيەسى كىرئۇت جىلغىسىنىڭ ئالتۇن كۈزدىكى گۈزەل مەنزىرىسى
مۇھەررىر :
古力皮牙.阿布力孜
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/10/12 17:10
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.