تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دۇەن شياۋلى، پراكتىكانت لى چىڭيۈ خەۋىرى): نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇرغۇن ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى ئارقا-ئارقىدىن پار بىلەن تەمىنلەش سىستېمىلىرىنى قوزغىتىپ، 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆز قەرەلىدە پار بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
«ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر ئىسسىقلىق باشقۇرۇش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش مۇددىتى شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن كېلەر يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە بولىدۇ. مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى بىر قانچە ئىسسىقلىق كارخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازدا مۇقىم پار بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر قايسى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئاللىقاچان قىلىپ بولغان، قىسمەن ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى پار بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى قوزغاتقان.
يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پار بىلەن تەمىنلەش كەسپىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ پۈتۈن شەھەردىكى 200 دىن ئارتۇق ئىسسىقلىق كارخانىسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تولۇق تاماملىنىپ، پار بىلەن تەمىنلەشنى كۈتۈش باسقۇچىغا كىرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئىسسىنىش مەزگىلىدە، ئاھالىلەرنىڭ ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى ℃20تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك ئىكەن، ئەگەر ئاھالىلەر ئىسسىنىش مەزگىلىدە پار ئىسسىماسلىق، پاردىن سۇ ئېقىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى بايقىسا ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرىنىڭ نۆۋەتچىلىك تېلېفونىغا تېلېفون بېرىپ ئەھۋال مەلۇم قىلسا بولىدىكەن. ناۋادا ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ نۆۋەتچىلىك تېلېفونى ئۇلانماسلىق، تېلېفوننى ئالىدىغان ئادەم بولماسلىق، شۇنىڭدەك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئاھالىلەر تەۋەلىكتىكى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە شەھەر دەرىجىلىك نازارەت قىلىش تېلېفونى 12319غا تېلېفون بېرىپ ئەھۋال ئىنكاس قىلسا بولىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل قىش كېلەر يىلى ئەتىيازدا ئۈرۈمچىنىڭ ئىسسىنىش كۆلىمىنىڭ 206 مىليون كۋادىرات مېتىرغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن.