تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ مېي): سىرتقى قىياپىتى ئۆزگىچە بولغان رەڭلىك جەسەت ساندۇقى، ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان توقۇما گىلەم... 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇزېي (تۆۋەندە «بايىنغولىن ئوبلاستلىق مۇزېي» دېيىلىدۇ) ئىككى ئايلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشتىن كېيىن، ئاممىغا قايتىدىن ئېچىۋېتىلدى. ئىگىلىنىشىچە، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، بۇ مۇزېيدا مىڭغا يېقىن مەدەنىيەت يادىكارلىقى كۆپەيتىلگەن بولۇپ، كۆرگەزمىگە قويۇلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ ئومۇمىي سانى 2500گە يېقىنلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭىدىن قوشۇلغان 300گە يېقىن مەدەنىيەت يادىكارلىقى دۆلەتنىڭ 3-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقى ھېسابلىنىدۇ.
بايىنغولىن ئوبلاستلىق مۇزېينىڭ مۇزېي باشلىقى نيۇ گېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشتە، كۆرگەزمە قىلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئالاقىدار يېزىق مەزمۇنلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن باشقا، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتتىمۇ مۇناسىپ تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆزگەرتىش مۇھىم نۇقتىسى كىروران تارىخى زالى ۋە شەرققە قايتىش تارىخى زالى ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، كىروران زالى ۋە شەرققە قايتىش تارىخى زالى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، تېخىمۇ تەرتىپلىك بولغان. ئامما، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەر كۆرگەزمە ئارقىلىق، كىروران مەدەنىيىتى ۋە شەرققە قايتىش مەدەنىيىتىگە قارىتا تېخىمۇ مۇكەممەل ۋە چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولالايدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلى 9-ئايدا، جۇڭگو مۇزېي جەمئىيىتى باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، بايىنغولىن ئوبلاستلىق مۇزېينى دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك مۇزېي قىلىپ باھالىغان.