بوشلۇقتىن قارىغاندىكى خۇاكەي دېڭىز ئۈستى ئېكولوگىيە باغچىسىدىكى كېسان گۈل ئېتىزى (10- ئاينىڭ 7- كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن ساياھەتچىلەر شاڭخەينىڭ جىنشەن رايونىدىكى خۇاكەي دېڭىز ئۈستى ئېكولوگىيە باغچىسىغا كېلىپ تاماشا قىلدى. باغچا ئوتتۇرىسىدىكى زور تۈركۈمدىكى كېسان گۈلى، جۇخار گۈلى، ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلار ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى، قويۇق كۈز تۈسىگە ئىگە رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزىدىن ساياھەتچىلەر مېھرىنى ئۈزەلمىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فاڭ جې فوتوسى)
10- ئاينىڭ 7- كۈنى، كىشىلەر ۋېلىسپىت مېنىپ گۈللۈك ئېتىزلار ئارىسىدىكى كىچىك يولدىن ئۆتمەكتە.
10- ئاينىڭ 7- كۈنى، كىشىلەر كېسان گۈللىرى ئېتىزىنىڭ يېنىدا گۈللەردىن ھۇزۇرلانماقتا.
10- ئاينىڭ 7- كۈنى، ساياھەتچىلەر دىفۇيۈەن باغچىسىدا ساياھەت قىلماقتا.
10- ئاينىڭ 7- كۈنى، ساياھەتچىلەر دىفۇيۈەن باغچىسىدا سۈرەتكە تارتىپ تاماشا قىلماقتا.