تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

كۈرەش ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ، ئارزۇ كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى يارىتىش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش كېرەك.

 ۋەتەندىن پەخىرلىنىش ۋەتەنگە بەخت تىلەش

بۇ دۆلەت بايرىمىدا، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ئارال بازىرى قاراڭغۇ توقاي كەنتىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئادەتتىن تاشقىرى يارقىن بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ھويلىلىرىدا خۇشال كۈلكە سادالىرى ياڭرايتتى، كەنت ئاھالىلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ تەنتەنىلىك ئەھۋالىنى كوللېكتىپ كۆردى يەنە مېۋە، كۆكتاتلار بىلەن دۆلەت بايرىقى قاتارلىق نۇسخىلارنى تىزىپ چىقىپ، ئانا ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر تىلىكىنى ئىپادىلىدى.

«بىزنىڭ كەنتىمىز ئىلگىرى پۈتۈن ناھىيە بويىچە نامى چىققان نامرات كەنت، قالاق كەنت ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە، كەنت قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمى بىر قاتلاندى، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بىزنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى، دۆلەتنىڭ تېز تەرەققىياتى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى بارغانسېرى ياخشىلىدى.» قاراڭغۇ توقاي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شۇغايىپبېك ۋۇكەينىڭ ئىپتىخارلىق ھېسسىياتى چىرايىدا ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.

«ھەرقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى مېيكې مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى چېن جياڭنىڭ غەيرىتىنى ئۇرغۇتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مېيكې گۇرۇھى كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، شىنجاڭدىن كەڭ خەلقئارا سەھنىگە يۈرۈش قىلدى، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچىنىڭ زور دەرىجىدە ئۇچقاندەك ئۆرلىگەنلىكىگە گۇۋاھ. «خۇددى باش شۇجى ئېيتقاندەك، بىز توختىماي ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، كارخانىنىڭ ئارزۇسىنى جۇڭگو ئارزۇسىغا سىڭدۈرۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشىمىز كېرەك».

كونا ئولتۇراق رايونلاردا يول ياسالدى، كۆكەرتىش بەلبېغى بەرپا قىلىندى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى چىفاڭ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بېيشەن مەھەللىسى ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىردى. مەھەللىدە خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا كۆپ يىل بولغان مەھەللە پارتكومىنىڭ شۇجىسى يۈ فاڭفاڭ مەھەللە ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆرۈپ، چەكسىز ھاياجانلاندى ۋە ئىپتىخارلاندى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋرگە خاس مەسئۇلىيىتى بولىدۇ، دېگەنىدى. بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش. ۋەتەننىڭ بارغانسېرى گۈزەل بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز».

«ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرالىدۇق، تۇرۇبا سۈيى ئىچەلىدۇق، داۋالىنىش، مائارىپ، كۈتۈنۈش بارغانسېرى كاپالەتكە ئىگە بولدى، بىز پۇقرالارنىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتىدۇ.» ئاقچى ناھىيەلىك نەسىللىك فېرما يۈشەنگۇشى كەنتىدىكى 84 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بىبىش كۇرمان تولىمۇ ھاياجانلانغانىدى، «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بىزنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى، بىز ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك».

 خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش

«خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەردانە سۆزلىرى ۋە خەلق تۇرمۇشى ھېسسىياتى كىشىنى ھەسسىلەپ ئىلھاملاندۇردى. تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەت، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمىتى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسى، شۇنداقلا كوممۇنىستلارنىڭ ئەستىن چىقارمايدىغان، ئۆزگەرمەيدىغان ئەسلىي مەقسىتىدۇر.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، ئاپتونوم رايونىمىز مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆزلىدى ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، شەھەر - بازارلاردىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلىشىشتا يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %90تىن ئارتۇقى ئورۇندالدى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %80تىن ئارتۇقى ئورۇندالدى، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر سانىدا، ساياھەت كەسپىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىدا يىللىق نىشان - ۋەزىپە نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىشتىكى ئېتىقادىمىز ۋە كۈچىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ رۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى مۇقىم خىزمەت، ئىشەنچلىك كىرىمگە ئېرىشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشنى يارىتىشىمىز كېرەك.

يۈز يىللىق ئۇلۇغۋار پىلاندا مائارىپ ئاساس. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، غەمخورلۇق قىلدى، مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنىڭ قۇياش نۇرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا چېچىلدى.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ يېڭى مۇساپىدە داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشىمىزغا مەدەت بولدى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر پەرھات ھېزىم مۇنداق بىلدۈردى: «بىز چىن قەلبىمىز، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ھەربىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىلەندۈرۈپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرىمىز».

ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جەزمەن جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ليۇ جيەنگوغا ئېغىر بۇرچ تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاشنى ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىگە كۈچ قوشىمىز.

 تېخىمۇ گۈزەل ئەتە ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى، بۇ ئۆزگىرىشلەر بىزنىڭ يېنىمىزدىلا بولدى.» نىلقا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جوۋ لىشىن قاتتىق ھاياجانلاندى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 10- ئايدا، نىلقا ناھىيەسى نامراتلىق قالپىقىنى رەسمىي چۆرۈپ تاشلىدى، نەچچە ئون مىڭ نامرات ئامما نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىنى ئاچتى.

يېڭى سەپەرگە ئاتلانغان جوۋ لىشىننىڭ قايناق ھېسسىياتى تولۇپ تاشتى: «بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئېكولوگىيە ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات - تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرىمىز».

«باش شۇجىنىڭ سۆزى كىشىنى روھلاندۇردى، ماڭا كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇردى.» جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ يېزىسىنىڭ ۋاق - ۋاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1- شۇجى شى كېۋېي تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق بىلدۈردى: بىز تولۇپ تاشقان ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىمىزنى مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇش، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەيمىز.

«جۇڭگونىڭ ئەتىسى جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلاپ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شيەنتاۋ شەھىرىدە ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان كۇلتاي تۆلەپبەرگەننىڭ كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى. «ياخشى تۇرمۇش ئىشلەشتىن كېلىدۇ، مەن يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىمىز ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن».

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى چۈنشيا، چاۋ جىن، جاۋ شىيا، جاۋ يۆ، ما يىنىڭ، جاڭ تىڭ، ۋاڭ شىنخۇڭ، خې لىڭ، جەزىرە نىسسىبېك، ۋاڭ دۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ ۋېيمىن، ۋۇ دەن يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ