تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈزىتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

− تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ناھىيە، شەھەرلەر ھەم بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، يېزا - بازارلار، كوچا باشقارمىلىرى ۋە كەنت، مەھەللىلەر 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ پېيچى

2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى تۆت يۈرۈش بەنزە ھەم قارىمىقىدىكى يەتتە ناھىيە، شەھەر، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق 86 تارماق (ئورۇن)تىكى 689 نەپەر ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك (ناھىيە دەرىجىلىك)تىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىر، 62 مىڭ نەپەر پارتىيە ئەزاسى مەركەزنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن، باش تېما تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، دەل جايىدا تۇتۇپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتتە باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك بەنزىسى:

ئۆگىنىش تەربىيەسىدە بىر ئادەمنىمۇ چۈشۈرۈپ قويمىدى، بىر دەرسنىمۇ كەم قالدۇرمىدى

تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆگىنىش تەربىيەسىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىل قوللىنىپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا ئەگىشىپ ئۆگىنىپ، نەزەرىيە ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، بۇرچقا يېتەكچىلىك قىلدى.

دۆربىلجىن ناھىيەسى چارۋىچىلىق رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەركەزلىك ئۆگىنىش بىلەن تارقاق ئۆگىنىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇددەتكە بۆلۈپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىشنى ئورۇنلاشتۇردى. كۈندۈزى «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» «x+5» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى قاتارلىقلارنى ۋاسىتە قىلىپ، چارۋىچىلىق مەخسۇس كۇرسلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئەتىگەنلىك ئوقۇش»، ئات ئۈستىدە «باشلاپ ئوقۇش»نى پىلانلىق قانات يايدۇردى؛ كەچتە «بىر سائەت كەچلىك ئوقۇش»نى تەشكىللىدى. قاتنىشى قولايسىز بولغان پارتىيە ئەزالىرىغا قارىتا، ئاتلىق ئەترەت، موتوسىكلىت ئەترىتىنى ئۆيلىرىگە بېرىپ ئۆگىنىشنى يەتكۈزۈشكە تەشكىللىدى، ئۆگىنىش تەربىيەسىدە بىر ئادەمنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىققا، بىر دەرسنىمۇ كەم قالدۇرماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ساۋەن ناھىيەسىدىكى 30 نەچچە ناھىيە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىر باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، مەركەزلىك ئۆگىنىش بىلەن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئەينەن ئوقۇدى، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگەندى، قانۇنىيەتنى ئىگىلىدى. نۆۋەتتە، تۆت كۈن مەركەزلىك ئۆگىنىلدى، بىر كۈن مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش قانات يايدۇرۇلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىدىن 31ى بېكىتىلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سۆھبەت يىغىنىدىن 32 مەيدان ئېچىلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تەكشۈرۈپ - كۆزىتىلگەن مەسىلە ۋە ئېلىنغان پىكىر، تەكلىپ 60 بولۇپ، رەتلەنگەندىن كېيىن 12 ۋاراقلىق مەسىلە تىزىملىكى شەكىللەندى.

شىخو شەھىرى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، مەسىلىگە تەتبىقلاپ ئۆگىنىپ، مەسىلىگە تەتبىقلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆيلەرگە بېرىپ، تەۋەلىك بويىچە ھۆددىگە ئېلىپ، ئاممىنىڭ پىكىر، تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. «دەرھال بېجىرىش» «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىشخانىسى قۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە %80تىن ئارتۇقنى «بىر كۆزنەك»تە تۈرگە ئايرىپ قوبۇل قىلىپ بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشى قىيىن بولۇش، ئىش بېجىرىشى ئاستا بولۇش، كۆپ تەرەپكە قاتراش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى ئەينەن ئۆگىنىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «بىرىنچى قول» باشلامچى بولۇپ، بەلگىلەنگەن كىتابلارنى كۆڭۈل قويۇپ تولۇق ئوقۇپ، پىششىق ئوقۇپ، ئۆگىنىشتە كەينىدە قالغانلارغا جەزمەن «دەرس تولۇقلىدى». تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئامما ئىنكاس قىلغان دورا باھاسى، يول يۈزى، تۇرۇبا يولى قاتارلىقلارغا ئائىت مەسىلىلەرگە قارىتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تۈزىتىش ئېلىپ بېرىپ، بىرمۇبىر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ھەل قىلدى.

ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى:

قىيىنچىلىق، ئارزۇ - تەلەپ تىزىملىكى تۇرغۇزدى

چۆچەك شەھىرى دۇبىك كوچا باشقارمىسىنىڭ بەيگىتۇپە مەھەللىسى تەۋەلىكىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى «تۆت ئۆگىنىش» يەنى پارتىيە ياچېيكىسى «باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش»، ياچېيكا شۇجىسى «ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىش»، يېڭىلىق يارىتىش شەكلىدە «ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىغا «ئۆگىنىش يەتكۈزۈش»نى قانات يايدۇرۇشقا پائال تەشكىللەپ، تەۋەلىكىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆگىنىشكە قاتنىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى، ئارزۇ - تەلىپىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاش ئاساسىدا، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» قىيىنچىلىق، ئارزۇ - تەلەپ تىزىملىكى تۇرغۇزدى. نۆۋەتتە، 15 قىيىنچىلىق، ئارزۇ - تەلەپ تىزىملاندى، 15ى ئۆچۈرۈلدى.

ئاممىنىڭ ئارزۇ - تەلىپىگە ئاساسەن، تولى ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرگە قارىتا، «نامرات ئاھالىلەرنى ئىچىدىغان سۇ بىلەن بىخەتەر تەمىنلەش لايىھەسى»نى تۈزۈپ، 45 مىڭ يۈەن مەبلەغنى ماسلاشتۇرۇپ، تولى ناھىيەسىنىڭ كۇپ يېزىسىدىكى چوڭ قۇدۇق تۈرىنى يېڭىدىن قۇردى.

كۇپ يېزىسىنىڭ دولاتى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى جاۋان جامشاپ سۈپسۈزۈك تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئۆيىدىكى جۈمەكتىن شارقىراپ چۈشۈۋاتقانلىقىغا قاراپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىچىدىغان سۇ قىيىنچىلىقىمىز ۋاقتىدا ھەل بولدى، ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم، پارتىيەنىڭ كادىرلىرىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلقنى كۆزلەيدىغانلىقىنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ».

9- ئاينىڭ 30- كۈنى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسىنىڭ چاغانتوقاي ناھىيەسى جىيەك بازىرىنىڭ ئورتاجىيەك شىمالىي كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لى شىنرۇڭ كەنت ئاھالە كومىتېتىدا بىر مەيدان ئالاھىدە ئاممىۋى يىغىن تەشكىللىدى. سىياسەت چۈشەندۈرۈلدى، پىكىر ئېلىندى، ئاممىۋى يىغىن پائالىيىتىگە قاتناشقان كادىرلار كۈندۈزى زىيارەت قىلىپ بايقىغان مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا ئامما بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى...

«كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا، كەنت كادىرلىرى بىلەن كەنت ئاھالىلىرى بىرلىكتە چارە ئويلاپ، ئەقىل كۆرسىتىپ، مەسىلىنى ھەل قىلدۇق. بۇنداق يىغىننى ئېچىشنى خالايمىز» دېدى كەنت ئاھالىسى چېن رۈيخۇا.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەي، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەمەلىي ئىشلەپ، ئارزۇغا ئىنتىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەش. 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى تارباغاتاي ۋىلايىتىدە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلماقتا. ئاساسىي قاتلامدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: تولۇپ تاشقان روھىي ھالىتىمىز، ئەمەلىيەتچىل خىزمەت ئىستىلىمىز بىلەن خىزمەتكە پائال ئاتلىنىپ، باش تېما تەربىيەسىنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ