تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز يارىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

بارلىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى داۋاملىق كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى، بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش داۋامىدا ئالغا سىلجىتىشقا موھتاج.

«ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى داۋاملىق ھالدا بىزنىڭ خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، داۋاملىق ھالدا «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرماقتا ۋە رىغبەتلەندۈرمەكتە.

70 يىلدا توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، بۈگۈنكى كۈندە، ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو، ئۈمىدكە تولغان جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى. كەلگۈسىگە يۈزلەنسەك، بىزنىڭ خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ پاراخوتى دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. ۋەتىنىمىزنىڭ 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق گۈزەل تاغ - دەريالىرى بىزنىڭ ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىشىمىز ئۈچۈن كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردى. جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا ياراتقان پارلاق مەدەنىيلىك بىزنىڭ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزنى كۈچلۈك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر بىزنىڭ يەنە شان - شەرەپ قۇچۇشىمىزغا پۇختا ئاساس سالدى. يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، بىزنىڭ خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور شان - شەرىپىنى قۇچۇش − تارىخقا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى ھۆرمەت، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئەڭ ياخشى ئىشەنچ.

يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشتا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. كومپارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى؛ جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا، ئاچقۇچ پارتىيەدە. 70 يىلدىن بۇيان، بېكىنمە، قالاق ھالەتتىن ئېچىۋېتىش، ئىلگىرىلەشكە يۈزلەندۇق، قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولماسلىقتىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يۈزلەندۇق، «نامرات، قالاق» ھالەتتىن گۈللىنىش، بېيىش، قۇدرەت تېپىشقا يۈزلەندۇق، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتى شۇكى، يېڭى جۇڭگونىڭ دۇنيا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىدە، ھەل قىلغۇچ ئامىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدۇر. ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى پۇختا ئىگىلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تايانچىغا ئايلىنىشىغا، باشتىن - ئاخىر مىللەتنىڭ گۈللىنىش مۇساپىسىدە كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشتا، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان نېگىزلىك كۈچ. يېڭى جۇڭگونىڭ «دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان» تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يارىتالىشى، دەل بىزنىڭ باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرغانلىقىمىزدىن، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلغانلىقىمىزدىن، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ساداسىنى زەن قويۇپ ئاڭلىغانلىقىمىزدىن، باشتىن - ئاخىر خەلققە تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ياراتقانلىقىمىزدىن بولغان. «خەلق جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەھكەم ئۇلى، خەلق بىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ چوڭ ئاساسىمىز.» يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادكارلىق روھى، ئۇلۇغ كۈرەش روھى، ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھى، ئۇلۇغ ئارزۇ روھىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يۈز مىليونلىغان خەلق يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىسەكلا، بىز يېڭى دەۋرگە تەۋە شانلىق نەتىجىلەرنى جەزمەن يارىتالايمىز.

يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىلى، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا شۇنى ئىسپاتلىدىكى، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش مەسىلىسىنى باشقا ئىزم ئەمەس، بەلكى پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزملا ھەل قىلالايدۇ، بۇ پارتىيە ۋە خەلق تارىخ ۋە رېئاللىقتىن چىقارغان تەۋرىنىشكە بولمايدىغان يەكۈن. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ راۋاجى، جەزمەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.» بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ يولىمىز ماڭغانسېرى كېڭىيىۋاتىدۇ، بىزنىڭ نەزەرىيەمىز ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، بىزنىڭ تۈزۈمىمىز كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىۋاتىدۇ، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز سىجىل گۈللىنىۋاتىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يۈكسەك تارىخىي ئاڭلىقلىققا ئىگە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ھەقىقەت كۈچىنى نامايان قىلدۇردى.

بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس ئۇزۇن سەپىرى بولىدۇ. بىز مىڭلىغان تاغ - دەريالارنى بېسىپ ئۆتتۇق، لېكىن يەنىلا تاغلاردىن ئېشىپ، دەريالارنى كېچىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە، يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىق ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىنى ياراتقان جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا جەزمەن يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىپ، تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ گۈزەل دەۋر سەھىپىسىنى پۈتىدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ