تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاساسىي مەقسەت خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىش

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭدىكى قىسىم، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچ مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىسىم، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى، يېڭى مۇساپىدە داۋاملىق كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ چاقىرىقى چىقىرىلدى. چوقۇم تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ياخشى تۇراقلاشتۇرغۇچ بولىمىز.

 تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاش    ئاساسىي مەقسەت خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش

ئۆزىمىز ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي چېگراسىدا بولساقمۇ، قەلبىمىز پايتەخت بېيجىڭغا تەلپۈنىدۇ. 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ غەربىي چېتىدىكى پامىر ئېگىزلىكىدە مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقان شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم چېگرا مۇداپىئە ليەنى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدىكى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە ھەربىي پارات مۇراسىمىنى كۆرۈشكە تەشكىللىدى. كۆرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، «چېگرانى مۇداپىئە قىلىشتا مەن بار، ۋەتەن خاتىرجەم بولغىن»نى چۆرىدەپ ئۆگىنىش قىلدى، پىكىر ئالماشتۇردى، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ھەربىي مەشىقنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ «بىرىنچىدىن جاپادىن قورقماسلىق، ئىككىنچىدىن ئۆلۈمدىن قورقماسلىق» روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد «تۆتكە ئىگە» ھەربىيلەرگە خاس ياخشى قىياپەت تىكلەپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، چېگرانىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. پەيجاڭ جۇ داڭ مۇنداق دېدى: «ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشناۋاتقانلىقىنى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ كۈندىن - كۈنگە قۇدرەت تېپىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مەن تولىمۇ ئىپتىخارلاندىم ۋە پەخىرلەندىم، زىممەمدىكى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، چېگرا مۇداپىئەسىگە ئۆزۈمنى بېغىشلاش، غەربىي چېگراغا تۆھپە قوشۇش ئىشەنچىم ۋە ئىرادەمنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى».

ئارمىيە روھى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، ھەربىي بايراق مەڭگۈ پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ. شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم چېگرا مۇداپىئە تۇەنىنىڭ پەيجاڭى لاڭ شۆفېڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدۇ، ھەربىيلەرنىڭ شان - شەرىپى پارتىيە رەھبەرلىكىگە مەنسۇپ. مەيلى نەنچاڭ قورغىنىدىكى ئوق ئاۋازى بولسۇن ياكى ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بۇرغا ساداسى بولسۇن، ھەربىيلەر پەقەت پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىلا، ئەۋلادمۇئەۋلاد قان تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئارمىيە» دېگەن خەتنى چوڭ يېزىپ، پولات ئىستىھكام قۇرۇپ، خەلقنى قوغدىيالايدۇ. بىز زامانىمىز ئىنقىلابىي ھەربىيلىرى ئەجدادلارنىڭ پولات مىلتىقىنى قولغا ئېلىپ، ۋەتەننىڭ غەربىي دەرۋازىسىنى ياخشى ساقلاپ، ياشلىق باھارىمىزنى ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىغا بېغىشلىشىمىز كېرەك.

■ جاپالىق مەشىق قىلىپ ماھارەت يېتىلدۈرۈش    بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىش

چاقىرغان ھامان كېلىدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغان بولۇش. دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىشنى ئەسكەرلەرنى چېنىقتۇرۇپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، بۇرچنى ئادا قىلىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇردى. خوتەن ۋىلايىتىدە، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم تارماق ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، چارلاش داۋامىدا، رادىيودىن پايدىلىنىپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ بىۋاسىتە ئاڭلىتىلىشىنى ئاڭلىدى، ئالاھىدە ئۇرۇش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى جۇ چىڭبىن مۇنداق دېدى: «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ ئىلھاملاندۇرۇش، ئۆزۈمنىڭ ئەڭ گۈزەل ياشلىق چاغلىرىمدا قىسىمغا كىرىپ ئەسكەر بولغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن، ھەربىي گازارمىدا ۋەتەننىڭ قۇدرەتلىكلىكى ۋە ھەربىي قىسىم ئېلىپ كەلگەن ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ھېس قىلدىم. مەن چوقۇم داھىينىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسكەرلەرنى چېنىقتۇرۇپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆزۈمنىڭ بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ۋەتەن ۋە خەلقنى خاتىرجەم قىلىمەن، رەئىس شى جىنپىڭنى خاتىرجەم قىلىمەن!»

جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى كاپالەت بۆلۈمى ئورگىنىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە ھەربىي پارات مۇراسىمىنى كوللېكتىپ كۆردى، كۆپچىلىكنىڭ قايناق ھېسسىياتى ئۇرغۇپ، كۈرەش ئىرادىسى كۈچەيدى. سىياسىي ياردەمچى خادىم جياڭ جىسۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئۆزىنى بېغىشلاش قايناق ھېسسىياتىغا ئايلاندۇرۇپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن چېگرا رايوننى ياخشى ساقلايمىز».

ئالتاي شۆبە ھەربىي رايونى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە ھەربىي پارات بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنىڭ تەنتەنىلىك ئەھۋالىنى كۆرۈشكە تەشكىللىدى. سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى تەن خەيشېڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «70يىلدىن بۇيان، بىزنىڭ دۆلىتىمىز قالتىس تەرەققىيات يولىنى بېسىپ ئۆتتى، جۇڭخۇا مىللىتى گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، بىز ھەربىيلەر چوقۇم ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ماھارىتىنى ياخشى مەشىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك!»

«رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كىشى قەلبىنى زىلزىلىگە سالدى. مەن چوقۇم بۇنىڭدىن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، تىرىشىپ چېگرانى قوغداشتىكى قەيسەر قوغدىغۇچى بولىمەن.» ئاققۇم قۇملۇقىنىڭ كىندىكىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان شاڭشى فېڭ خەيباۋ بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە، ئورۇنلىشىپ مۇداپىئەدە تۇرۇش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە تاماملاشقا ئىرادە باغلىدى.

 ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق    قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش

قىزىل قان تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىش، يېڭى سەپەر بۇرغىسىنى ياڭرىتىش. قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ مەلۇم ئوتتۇرا ئەترىتى بىر شەرەپلىك كۈرەش قىلىش مۇساپىسىگە ئىگە قىسىم، پارتىيە ياچېيكىسىغا 1948- يىلى غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ليەندۈي ئىنقىلابىي قۇربانى ليۇ فۇگۇاڭنىڭ ئىسمى بىلەن «فۇ گۇاڭ ياچېيكىسى» دەپ نام بېرىلگەن. ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ جىداۋيۈەنى راۋ گولياڭ مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم تېخىمۇ قەتئىيلىك بىلەن پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، قىزىل گېنغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىمىز، ھەربىر ئوفىتسېر - ئەسكەرنىڭ ھەممىسىنى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ياخشى جەڭچىسى بولۇپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىدىغان قىلىمىز».

دۆلەت بايرىقى جەۋلان قىلدى، ھەربىي بايراقلار لەپىلدىدى. 10- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە بىۋاسىتە قاراشلىق خەلق قوراللىق بۆلۈمىدىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، جەڭگىۋارلىقى زور دەرىجىدە كۈچەيدى. شاڭشى لى پېڭ ھاياجېنىنى باسالمىغان ھالدا مۇنداق دېدى: «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدۇ! مەن پەخىرلىنىمەن، مەن بىر جۇڭگولۇق ھەربىي! بىز ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەسكەرلەرنى چېنىقتۇرۇپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، ئۇرۇش قىلىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۈشمەننى يوقىتىش ئىقتىدارىنى جاپالىق مەشىق قىلىپ، كەلگۈسىدىكى ئۇچۇرلاشقان ئۇرۇشتا قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك».

(شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى خۇاڭ زۇڭشىڭ، ۋاڭ گويىن، يۈ كەي، ليۇ نەنسۇڭ، چېن شېڭشېڭ، شۈ جۈن، شۈ مىڭيۈەن، جىن جاۋلار يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ