تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

كۈرەش قىلىشنىڭ تارىخىي داستانى  گۈللىنىشنىڭ ئۇلۇغ كۈچى

− جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

70 يىل ئىلگىرىكى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، تۇنجى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن خەلق جۇمھۇرىيىتى تاڭ قۇياشىنى كۈتۈۋېلىپ سەپەرگە ئاتلاندى، يول بويى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، يول بويى زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ ئىلگىرىلەپ، نۇرغۇن قېتىملىق غەلىبىنى بۇ قەدىمىي زېمىنغا پۈتتى.

70 يىلدىن كېيىن، يەنە بىر 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى تاڭ نۇرىنى كۈتۈۋالغان يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدىكى خەلق جۇمھۇرىيىتى قايتا قوراللىنىپ قايتا سەپەرگە ئاتلاندى. يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلغىنىغا 70 يىل بولغان تارىخىي پەيتتە، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى تولۇپ تاشقان خۇشاللىق ۋە ئىپتىخارلىق بىلەن، خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئورتاق تەبرىكلەپ، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ شان - شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىلەندى!

ۋاقىت ئۇلۇغ پۈتۈكچى، ئۇ، بېسىپ ئۆتۈلگەن ئىزلارنى خاتىرىلەپ، تارىخ سەھىپىلىرىنى پۈتىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو زېمىنىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، بىزنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ قىياپىتىدە، ئۇلۇغ خەلقنىڭ قىياپىتىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ئۆزگىرىش يۈزبەردى. 70 يىللىق بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپە، 70 يىللىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش جەريانىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ جاپاغا چىداپ ئىشلەيدىغان ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىنى ئېچىپ، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان قۇرۇلۇش دولقۇنىنى قوزغاپ، قاينام - تاشقىنلىق ئىسلاھات يولىنى ئېچىپ، دۇنياغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ، دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش مۆجىزىسى ۋە جەمئىيەت ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇش مۆجىزىسىنى ياراتتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىنى بەلگە قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىش، قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئىلگىرى قورسىقى تويمىغان، كىيىمى پۈتۈن بولمىغان كىشىلەر پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويىدۇ؛ ئىلگىرىكى ھەم نامرات، ھەم قالاق جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى؛ ئىلگىرىكى نامرات، ئاجىز مىللەت ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالدى. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ مەردانىلىك بىلەن جاكارلىغاندەك: «تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن جۇڭگو خەلقى بىر كونا دۇنيانى بۇزۇپ تاشلاشقا ماھىر بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر يېڭى دۇنيا قۇرۇشقىمۇ ماھىر. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى چەكسىز گۈزەل».

تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى، جاھاندا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى بۈگۈن. 70 يىلدىن بۇيانقى يېڭى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى جاپا - مۇشەققەت ۋە شانلىق نەتىجىگە، ئەگرى - توقايلىق ۋە غەلىبىگە، بەدەل ۋە ھوسۇلغا تولغان. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق يۈكسەك باھا بەردى: «مەيلى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىدا بولسۇن ياكى دۇنيا تارىخىدا بولسۇن، بۇنىڭ ھەممىسى جاھاننى زىلزىلىگە سالغان كۈرەش قىلىش تارىخىي داستانى».

2019 − 1949، جاھاننى زىلزىلىگە سالغان بۇ كۈرەش قىلىش تارىخىي داستانى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئىسپاتلىدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېقىنقى دەۋرلەردىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسىدۇر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلۇشى بىلەنلا ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، «جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش»تىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. 100 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، مەيلى ئاجىز ياكى قۇدرەتلىك بولسۇن، مەيلى ئوڭۇشلۇق شارائىتتا ياكى ئوڭۇشسىز شارائىتتا بولسۇن، پارتىيەمىز ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمەي، ئىرادىسىدىن يانماي، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، غايەت زور قۇربانلىق بېرىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئەگرى - توقايلىققا يۈزلىنىپ، خاتالىقنى باتۇرلۇق بىلەن تۈزىتىپ، قارىماققا يەڭگىلى بولمايدىغان نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەللەرنى يېڭىپ، تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالغان نۇرغۇن دۇنياۋى مۆجىزىلەرنى ياراتتى. يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىلدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنىڭ تۈپ سەۋەبى، 70 يىللىق تارىخىي ئۆزگىرىشلىرىنىڭ ئىچكى ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتى دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك قىلغانلىقىدىندۇر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، ئۇلۇغ ئىشلارغا ئىرادە باغلىغان خەلقنىڭ بۇ سىياسىي پارتىيەسى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، باشتىن - ئاخىر جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تايانچى بولدى، باشتىن - ئاخىر گۈللىنىش مۇساپىسىدىكى قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولدى.

2019 − 1949، جاھاننى زىلزىلىگە سالغان بۇ كۈرەش قىلىش تارىخىي داستانىدا، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ كۈرىشى ۋە جۇشقۇن ھېسسىياتى نامايان قىلىندى. «خەلق جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەھكەم ئۇلى، خەلق بىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ چوڭ ئاساسىمىز.» يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ جاپالىق ئىشلەپ كۈرەش قىلغانلىقى ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنىڭ كوللېكتىپ ئەسلىمىسىگە ئايلاندى؛ سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى مەردانە قەدەم تىۋىشى يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىق تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنىڭ ھەيۋەتلىك قەھرىمانلىق مېلودىيەسىگە ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو خەلقىنىڭ بارلىقى جان تىكىپ كۈرەش قىلىشتىن كەلگەن، ئۇنىڭغا ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن، كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ جاپالىق قان - تەرى سىڭگەن. خەلقنىڭ قوللىشى ۋە ئىشەنچىسىگە تايىنىپ، «خەلق بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇش، خەلق بىلەن جاپادىمۇ - ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، خەلق بىلەن بىللە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش» ئارقىلىق بىز دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى پۈتتۇق. تارىخنى يارىتالايدىغان قىزغىن ھېسسىياتىمىز بار، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان ئىقتىدارىمىز بار، داۋاملىق مۆجىزە يارىتالايدىغان ئىشەنچىمىز بار، يۈز مىليونلىغان خەلق يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىسەكلا، چوقۇم خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنى تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي، قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرالايمىز.

2019 − 1949، جاھاننى زىلزىلىگە سالغان بۇ كۈرەش قىلىش تارىخىي داستانىغا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە شان - شەرىپى پۈتۈلگەن. يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىل سىجىل ئىزدىنىشى داۋامىدا، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 نەچچە يىللىق ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلدۇق ۋە راۋاجلاندۇردۇق، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتۇق، جۇڭگودەك بۇنداق بىر چوڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئاسان ئەمەس، بىراق بىز ئەلا جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇردۇق. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيىتى ئەمەلىيەت ئارقىلىق «تارىخ ئاخىرلىشىش تەلىماتى»نىڭ بەربات بولغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاخىرىدا غەربچە تۈزۈم ئەندىزىسىنى پاناھ قىلىدىغان تاق لىنىيەلىك تارىخ قارىشىنىڭ بەربات بولغانلىقىنى جاكارلىدى. 70 يىلدىن بۇيان شەكىللەنگەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچى ۋە غايەت زور ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، يولىمىز ماڭغانسېرى كېڭەيدى، نەزەرىيەمىز ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، تۈزۈمىمىز كۈنسېرى پىشىپ يېتىلدى، مەدەنىيىتىمىز سىجىل گۈللەندى. تارىخ مۇقەررەر شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم جۇڭخۇا مىللىتىنى ئۇلۇغ گۈللىنىشكە يېتەكلەيدىغان بىر مۇقەررەر يول.

داغدام يولدا ماڭغاندىلا، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ. بىر نامرات، ئاجىز، قالاق دۆلەتتىن تەرەققىي قىلىپ دۇنيادىكى 2- چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىشتا، جۇڭگونىڭ تايانغىنى سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىش ۋە مۇستەملىكە قىلىش، تالان - تاراج قىلىش بولماستىن، بەلكى باشتىن - ئاخىر تەۋرەنمەي تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىش بولدى. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو دىققىتىنى «ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىش»قا قارىتىپ، زامانىۋىلىشىش يېڭى يولىنى تېپىپ چىقتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %30 تىن ئېشىپ، ئۇدا 13 يىل دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى «بىرىنچى موتور»غا ئايلاندى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى قۇرۇش ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ تۈرتكە بولۇپ، بىر چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى، ئوچۇق كۆڭلى - كۆكسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىش يولىغا مېڭىش يولىنى كېڭەيتىپ، دۇنيادىكى ھەم تەرەققىياتنى تېزلىتىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان، ھەم ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان ئاشۇ دۆلەت ۋە مىللەتلەرنى يېپيېڭى تاللاش بىلەن تەمىنلەپ، ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا جۇڭگونىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى. دۇنيانىڭ تەقدىرى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قولىدا، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تاللىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو خەلقى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.

دەۋر زور دولقۇنى ئۆركەشلەپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، گۈللىنىش ئۇلۇغ كۈچىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، بىز نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، قۇدرەتلىك دۆلەت مۇساپىسىنى باشلاشتا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا - دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. تارىخقا بولغان ئەڭ ياخشى ھۆرمەت يېڭى تارىخنى يېزىش؛ كەلگۈسىگە بولغان ئەڭ ياخشى ئىشەنچ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى يېڭى ئۇزۇن سەپەردە يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتايلى!

ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز!

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشكە قاراپ مەردانە قەدەم تاشلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ