تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەھرىمانلار - قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز   كۈرەش قىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى −

قەھرىمانلار - قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز    كۈرەش قىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز

دۆلەتنىڭ بېيىشى، قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەختى ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ئەڭ زور تەسەللى بەرگەنلىك؛ تارىخنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلىگەنلىك. 9- ئاينىڭ 30- كۈنى، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى: ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش    قەھرىمانلارنى قەدىرلەش

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان پەيتتە، بىز مىللىي مۇستەقىللىق، خەلقنىڭ ئازادلىقى، دۆلەتنىڭ بېيىشى، قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلىغان ئاشۇ خەلق قەھرىمانلىرىنى ئەستە تېخىمۇ چىڭ ساقلايمىز، گەرچە بىز نۇرغۇن قەھرىماننىڭ ئىسمىنى بىلمىسەكمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەربىر ئىش ئىزىنى ئەستە چىڭ ساقلايمىز.» ئالتاي ۋىلايەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈي شىۋېن گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىشىنى تېلېۋىزوردىن كۆرگەندىن كېيىن، ئۇزاققىچە ھاياجېنىنى باسالمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەھرىمانلارنى قەدىرلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز».

«ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈش ھەم ئىنقىلابىي قەھرىمانلار - قۇربانلارنى ياد ئەتكەنلىك، غايە - ئېتىقادنى ئەۋج ئالدۇرغانلىق، ھەم پۈتكۈل جەمئىيەتتە قەھرىمانلارنى قەدىرلەيدىغان، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىدىغان، قەھرىمانلارنى قوغدايدىغان، قەھرىمانلارغا كۆيۈنىدىغان قويۇق كەيپىيات ياراتقانلىق. بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن قەھرىمانلار - قۇربانلار قالدۇرغان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىققا ۋارىسلىق قىلىمىز» دېدى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي جيا جيەنيوۋ ھاياجانلانغان ھالدا.

«بىز ھازىر ئېرىشكەن تىنچ گۈزەل تۇرمۇش سان - ساناقسىز ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ھاياتى بەدىلىگە كەلگەن، دۆلەت ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ھەربىر ئىنقىلابىي قۇربان ئەستە چىڭ ساقلىنىشى كېرەك، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ، خەلق قەھرىمانلىرى مەڭگۈ ھايات!» دېدى جۇڭگو قۇرۇلۇش گۇرۇھى شىنجاڭ قۇرۇلۇش (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى پارتكومى خىزمەت بۆلۈمىنىڭ كادىرى سۈن شۆ ھاياجانلانغان ھالدا.

ئېلېكتىر ئېنېرگىيە خىزمەتچىسى خې جېڭلىن مۇنداق دېدى: «مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم چوقۇم ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، باشتىن - ئاخىر مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ھالىتىنى ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھ ۋە باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشتىكى ئاڭلىق ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز».

روھقا ۋارىسلىق قىلىش    جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش

2014- يىلى دۆلىتىمىز «ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنى» تەسىس قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى تەشۋىق - تەربىيە بۆلۈمىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى ۋاڭ جيې ۋە خىزمەتداشلىرى قەھرىمانلار - قۇربانلارنىڭ ھېكايىلىرىنى «سۆزلىگۈچى» ۋە قىزىل گېننىڭ تارقاتقۇچىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ كەلدى.

«ھەر قېتىم ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرىسى ئالدىغا تىزىلغان لىققىدە گۈللەرنى كۆرگىنىمىزدە، قەبرىستانلىقتا ياڭرىغان قىزىل ناخشىلارنى ئاڭلىغىنىمىزدا، كۆرگەزمە زالىدا كۆز يېشى قىلغان، قەدىمىنى توختىتىپ دىققەت بىلەن كۆرۈۋاتقان ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى كۆرگىنىمىزدە، بىز قۇربانلارنى ياد ئېتىشنىڭ تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۇق» دېدى ۋاڭ جيې. بىۋاسىتە تارقىتىشنى كۆرگەندىن كېيىن، چۈشەندۈرگۈچىلەر مۇنداق بىلدۈردى: قىزىل بازىدا يىلتىز تارتىپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قەھرىمانلار - قۇربانلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، قەھرىمانلار - قۇربانلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەڭگۈ نۇر چاچقۇزىمىز.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ سىستېمىسى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى تېلېۋىزور، تور ئارقىلىق ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىشىنى ئاڭلاشقا، كۆرۈشكە تەشكىللىدى. «ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنى پائالىيىتىنى كۆرۈش ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى تەربىيەلەش ۋە ئۇلارغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن.» شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جوۋ داجياڭ مۇنداق دېدى: «مەكتەپ <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى ئارقىلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ مول تۆھپىلىرى، ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى ياد ئېتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ھەم ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش كۈچى بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلاردىن ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ».

قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى چۇمبۇس كەنتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە 100دىن كۆپرەك كەنت ئاھالىسى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ پائالىيەت ئۆيىدە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ تېلېۋىزوردىن بىۋاسىتە تارقىتىشنى كۆردى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: قەھرىمانلار - قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچى قوبۇل قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

داۋاملىق كۈرەش قىلىش    شانلىق نەتىجە پۈتۈش

قەھرىمانلار - قۇربانلارنى خاتىرىلەش كېيىنكىلەرنى تېخىمۇ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە.

«شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ تۆھپىسى ۋە ئەجرىدىن ئايرىلالمايدۇ.» قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى قومۇل مەلۇم ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى جىن يۈلېي مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى ئىنقىلابىي ھەربىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تەستە قولغا كەلگەن بۇ بەختلىك تۇرمۇشنى چوقۇم ياخشى قوغداپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قەھرىمانلارنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىنقىلابىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خۇڭمياۋزى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شىنجۈ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى پۇ جىڭ مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلار قان ئاققۇزۇپ قۇربان بەرگەن ئۇلۇغۋار غايىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز. قەھرىمانلار - قۇربانلار روھىنىڭ ئىلھامىدا، جان - دىلى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش غايە - ئېتىقادىنى چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى چىڭ ساقلاپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاھالىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تىرىشىپ ئاشۇرىمىز».

«بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، پېشقەدەم كادىرلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى چىن قەلبىم، چىن ھېسسىياتىم بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پېشقەدەم يولداشلارغا سۇ ئىچكەندە مەنبەنى ئەسلەيدىغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پېشقەدەم يولداشلارغا بولغان غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمەن» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يەن مېي.

لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «دەل ئىنقىلابىي قۇربانلار مىسلىسىز مۇشەققەتلىك كۈرەش قىلغاچقا، ۋەتىنىمىز بۈگۈنكىدەك گۈللەنگەن. بىز ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز».

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، جاۋ چۇنخۇا، جاۋ جىيۈن، رېن خۇا، لياڭ لىخۇا، جاڭ تىڭ، دۇ جيەنخۇي، يې شياۋمىن، جاۋ شىيا، ياڭ شۇخەن، ئىختىيارىي مۇخبىرى جاڭ يىنبو يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ