تىيانشان تورى خەۋىرى: «ھېلىمۇ ياخشى خىزمەت ئەترىتى بىزگە ياردەملىشىپ ياڭيۇلىرىمىزنى يىغىشىپ بەردى، بىزمۇ ياخشى باھادا ساتتۇق.» يېقىندا، چىڭگىل ناھىيەسى ئارال بازىرى قۇبى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاڭ جۇڭئېن چىڭگىل ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1- شۇجى ليۇ دېكۈننىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.
جاڭ جۇڭئېن ئائىلىسى تېرىغان 200 مو يەردىكى ياڭيۇدىن مول ھوسۇل ئېلىپ، ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، بۇ چاغدا، خىزمەت ئەترىتى ئېتىز بېشىغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ كۈزلۈك يىغىم ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە، خىزمەت ئەترىتى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى تەشكىللەپ، ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، كەنتتىكى ئەمگەك كۈچى كەمچىل ئائىلىلەرنىڭ ياڭيۇ كولىشىغا ياردەم بېرىپ، كۈزلۈك يىغىم خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان. ھازىرغا قەدەر، خىزمەت ئەترىتى 14 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ 1000 توننىدىن ئارتۇق ياڭيۇ يىغىشىغا ياردەم بەرگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت ئەترىتى مۇددەتتىن بۇرۇن ياڭيۇ سودىگەرلىرى، ھەر قايسى چوڭ مېۋە-چېۋە، كۆكتات تاللا بازارلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئېتىزدا ۋاقىتلىق سېتىۋېلىش نۇقتىسى تەسىس قىلدى، نەق مەيداندا سېتىۋېلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ توشۇش، سېتىش قاتارلىق قىيىن مەسىلىللىرىنى ھەل قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ بىردەك ماختىشىغا ئېرىشتى.
(ماقالىنى ئالتاي ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن گاۋ يى، زى يېديې تەمىنلىگەن)