تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان چېنىقىش ئۇسۇللىرى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش» ئىدىيەسى كىشىلەرگە ناتونۇش ئەمەس بولۇپ قالدى، نۇرغۇن ياشانغانلار تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ساغلاملىقتىن ھۇزۇرلىنىپ، ياشانغان مەزگىلىدىكى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتتى. لېكىن، ناتوغرا بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە خەتەر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، قايسى خىل ئۇسۇل توغرا بولغان بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ؟

  ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارنىڭ چېنىقىش ھەرىكەتلىرى چوڭ جەھەتتىن ئۈچكە بۆلۈنىدۇ: يېنىك دەرىجىدىن ئوتتۇرا دەرىجىگىچە بولغان چىدامچانلىق ھەرىكەتلىرى، سوزۇلۇش ھەرىكىتى ۋە مۇسكۇل كۈچىنى چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى. مۇسكۇلنى كۈچەيتىدىغان ھەرىكەتلەردىن ئوكسىگېنسىز ھەرىكەت، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ۋە قول بىلەنلا چەكلىنىدىغان مۇسكۇلنى كۈچەيتىش مەشىقى قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار يەنىلا ئىشلىمىگىنى ياخشى. مۇۋاپىق بولغان ھەرىكەت تۈرلىرى ئۆپكە، يۈرەك ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىغان ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتلەر ئومۇمىي بەدەننى ئاساس قىلىدۇ.

  ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى مەۋجۇت بولغاچقا، كۈچلۈك ھەرىكەتلەر بەلكىم يانپاش بوغۇمى، تىز بوغۇمى، ئۇششاق بوغۇم ۋە پاقالچەك مۇسكۇلىنىڭ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئىلمىي چېنىقىش ئۈچۈن، ياشانغانلار ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇن كالتسىي تولۇقلاپ، بەدەننىڭ ۋىتامىن D ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  قايسى خىلدىكى چېنىقىش ئۇسۇلى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا ماس كېلىدۇ؟ تېز سۈرئەتتە مېڭىش ياكى پىيادە مېڭىش، ئوتتۇرا ياش ۋە  ياشانغانلارغا ئەڭ تەۋسيە قىلىدىغان چېنىقىش تۈرى. ئۇنىڭ سىرى «باشنى كۆتۈرۈپ، مەيدىنى تىك تۇتۇپ، قورساقنى يىغىپ، ئىككى قولنى ئەركىن قويۇۋېتىپ، قەدەمنى چوڭ ئېلىش» تا، بۇ خىل ھالەت ئادەمنىڭ مۈرىسى، بوينى، بەل قىسمى، داس سۆڭىكى، تىزى، ئوشۇقى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ھەرقايسى بوغۇملارنىڭ كۆپ قىسىم مۇسكۇللىرىنى، سىڭىر، سۆڭەك، بوغۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. تۈرلۈك چېنىقىش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى ئوكسېگىنلىق چېنىقىشنىڭ «1357» پىرىنسىپىغا بويسۇنىدۇ، كۈندە بىر قېتىم ھەرىكەت قىلغان ئەڭ ياخشى بولۇپ، ئۇدا ئىشلىگەن ئوكسېگىنلىق ھەرىكەت 30 مىنۇتتىن، ھەپتىدە بەش كۈندىن ئاز بولماسلىقى كېرەك، «7» ھەرىكەتنىڭ كۈچ دەرىجىسىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، 170تىن ئۆزىنىڭ يېشىنى ئېلىۋېتىپ، ئەڭ يۇقىرى ھەرىكەت يۈرەك رېتىمىنى پەيدا قىلىش كېرەك.

  ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار بەدەن چېنىقتۇرغاندا قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك؟ چېنىقىشنى بەك بالدۇر باشلاشمۇ ياخشى ئەمەس. سەھەر سائەت 7 ياكى 8 بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان چاغ ھېسابلىنىدۇ؛ ئاچ قورساق چېنىقىشتىن ساقلىنىش، بولۇپمۇ دىيابېت كېسىلى بار ياشانغانلار ئاچ قورساق چېنىققاندا قاندىكى شېكەر ماددىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ؛ تۇمانلىق كۈنلەر بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ماس كەلمەيدۇ، تۇمان تامچىلىرى تەركىبىدە زور مىقداردا چاڭ-توزان بولغاچقا، كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزىم قاتارلىق زىيانلىق ماددىلار بولغاچقا، چېنىققاندا نەپەس مىقدارى كۆپىيىپ، ئۆپكە ئىچكى پوتېنسىئالى نۇرغۇن زىيانلىق ماددىلارنى سۈمۈرۈۋالىدۇ.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ