تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز فېي شۈەن، يۈ يىچاڭ خەۋىرى، فوتوسى): «بۇ ئىككى كۈندە ماشىنا ھەيدەپ ساي يولى تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدا كېتىۋېتىپ، يول بويىدىكى چىرايلىق گۈللەرنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم شۇنداق ئېچىلىپ قالدى.» دېدى 9- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى سۇڭ شياۋيى ماشىنا ھەيدەپ ساي يولى تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدىن ئۆتكەندە ھاياجانلانغان ھالدا.
ئۈرۈمچى شەھىرى ساي يولى تېز سۈرئەتلىك تاشيولى بويىغا تىزىلغان گۈل دۆۋىسى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى ساي يولى تېز سۈرئەتلىك تاشيولىنى كۆكەرتىش باشقارمىسى ساي يولى تېز سۈرئەتلىك تاشيولى بويىغا بەش گۇرۇپپا چوڭ تىپتىكى گۈل دۆۋىسى ياساپ، «بىر كۆۋرۈك، بىر مەنزىرە» گۈل دېڭىزى مەنزىرىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت بايرىمىلىق قويۇق كەيپىيات ياراتتى .
ئۈرۈمچى شەھىرى ساي يولى تېز سۈرئەتلىك تاشيول بويىدىكى قىزىلتاغ سۇ ئۈزۈش سارىيىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە تىزىلغان گۈل دۆۋىسى
ئۈرۈمچى شەھىرى ساي يولى تېز سۈرئەتلىك تاشيولى بويىدىكى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىگە تىزىلغان گۈل دۆۋىسى
بۇنىڭدىن باشقا، يېقىندا ساي يولى تېز سۈرئەتلىك تاشيولى بويىدىكى 12 جايغا مىكرو يەر شەكلى مەنزىرىسى، 15 ئورۇنغا نادىر دەرەخ شەكلى ۋە مەنزىرە تېشى، 19 جايغا گۈل دۆۋىسى تىزىلغان بولۇپ، دەرەخ بىلەن گۈللەر ئۆزئارا ماسلاشقان، قاتلاملىرى ئېنىق، رەڭلىرى مول بولغان ساي يولى تېز سۈرئەتلىك تاشيولى مەنزىرە ئېكولوگىيە كارىدورى شەكىللەندۈرگەن .
ئىگىلىنىشىچە، شەھەر مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە خۇشال بايرام كەيپىياتى يارىتىش ئۈچۈن، «باش تېمىسى روشەن، رەڭگى ئوچۇق، شەكلى ئۆزگىچە، گۈل تۈرى مول بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەردىكى غول يول، قاتناش تۈگۈنى قاتارلىق مۇھىم جايلارغا جەمئىي 127 گۇرۇپپا باش تېمىلىق گۈل دۆۋىسىنى شەكللەندۈرگەن، تەشتەكلىك گۈل تىزىلغان نۇقتا 261 غا، تىزىلغان ۋە تىكىلگەن گۈل جەمئىي 30 مىليون 284 مىڭ 800 تۈپكە يەتكەن.