تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» قۇرۇلۇشىنىڭ تۆھپىسى

1964- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى دەل سائەت 15تە، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالدىكى يادرو قورال تەتقىق قىلىپ ياساش بازىسى ئاسمىنىدا بىر كۈچلۈك نۇر چاقناپ ئۆتۈپ، يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان غايەت زور ئاۋازدىن كېيىن، غايەت زور ئوت شارى موگۇسىمان بۇلۇتقا ئايلىنىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. جۇڭگو تۇنجى ئاتوم بومبىسىنىڭ پارتلىتىلىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى!

شۇ كۈنى كەچتە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىزچىل يادرو قوراللىرىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش ۋە ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن. جۇڭگو ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا، ئالدى بىلەن يادرو قورالى ئىشلەتمەيدۇ.

«شەرقتىكى غايەت زور ئاۋاز» دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پەن - تېخنىكىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ، كەسكىن تەدبىر بەلگىلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەمگىكى جەۋھىرىنىڭ مۇجەسسەملىنىشى. 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، كەسكىن ھالدا «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ»نى يادرو قىلغان دۆلەت مۇداپىئەسى ئاچقۇچلۇق پەن - تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى.

1962- يىلى 11- ئايدا، مەركەزدە جوۋ ئېنلەي مۇدىرلىقىدىكى مەخسۇس كومىتېت قۇرۇلدى. كۈچلۈك رەھبەرلىك ئارقىسىدا، پۈتۈن مەملىكەت «بىر تاختا شاھمات» بولۇپ، ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ»نى تەتقىق قىلىپ ياساش مۇساپىسىنى زور دەرىجىدە تېزلەتتى. ئاتوم بومبىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشتا باشلامچى بولۇپ 1964- يىلى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. 1966- يىلى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى يادرو ئوقبېشى ئورنىتىلغان يەردىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئۇچۇپ پارتلىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. 1967- يىلى 6- ئاينىڭ 17- كۈنى دۆلىتىمىز تۇنجى ۋودورود بومبىسىنى ھاۋادا پارتلىتىش سىنىقىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك پارتلىتىپ، دۇنيا بويىچە ۋودورود بومبىسى تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن 4- دۆلەتكە ئايلاندى. 1970- يىلى 4- ئاينىڭ 24- كۈنى، دۆلىتىمىز «چاڭجېڭ 1- نومۇر» توشۇغۇچى راكېتاسى ئارقىلىق «دۇڭفاڭخۇڭ 1- نومۇر» تۇنجى سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى.

«ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» جۇڭگونىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىدا مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. خۇددى دېڭ شياۋپىڭ كۆرسەتكەندەك: «ئەگەر 60- يىللاردىن بۇيان جۇڭگودا ئاتوم بومبىسى، ۋودورود بومبىسى بولمىغان بولسا، سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلمىگەن بولسا، جۇڭگونى مۇھىم تەسىرگە ئىگە چوڭ دۆلەت دېگىلى بولمايتتى، ھازىرقىدەك خەلقئارا ئورنىمۇ بولمىغان بولاتتى. بۇ نەرسىلەر بىر مىللەتنىڭ ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، شۇنداقلا بىر مىللەت، بىر دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ روناق تاپقانلىقىنىڭ بەلگىسى».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9-ئاينىڭ 24-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ