9- ئاينىڭ 25- كۈنى، ۋاڭ نەن يىغىن مەيدانىدىن قايتماقتا. (سۈرەت شىنخۇا تورىدىن ئېلىندى، جيا يۈجېن فوتوسى)
يېنىك ئاتلېتىكا دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن، خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ 52- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى قاتارنىڭ دوھادا ئۆتكۈزۈلدى. 9-ئاينىڭ 25-كۈنى، يىغىندا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى، كېڭەش ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى. سېباستىئان كو مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇدا خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولدى، جۇڭگو يېنىك ئاتلېتىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ نەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ كېڭەش ئەزالىقىغا سايلاندى، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2023- يىلىغىچە بولىدۇ.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى