بىرلا ۋاقىتتا 6 ئاپتوموبىلغا، 45 مىنۇتتا %80 توك قاچىلىغىلى بولىدۇ
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لياڭ لې خەۋىرى) 9- ئاينىڭ 25- كۈنى، خۇڭسەن تەنتەربىيە سارىيىنىڭ يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتىغا جايلاشقان توك قاچىلاش پونكىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، 3 توك قاچىلاش قوزۇقى بىرلا ۋاقىتتا 6 ئاپتوموبىلنىڭ توك قاچىلاش ئېھتىياجىدىن چىقالايدۇ. توك قاچىلاش قوزۇقى بىخەتەر، مۇقىم بولۇپ، تېز قاچىلاش ۋە ھەق تۆلەش قولاي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. 45 مىنۇت ئەتراپىدا %80 توك قاچىلىغىلى بولىدۇ. كېلەركى ئايدا يىمىن سارىيىدىكى توك قاچىلاش پونكىتىمۇ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەركىزىي شەھەر ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ مۇلازىمەتچانلىقى ۋە خەلققە قولايلىق بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىكەن.
9- ئاينىڭ 25- كۈنى، مۇخبىر خۇڭسەن تەنتەربىيە سارىيى يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتىدىكى توك قاچىلاش پونكىتىدا، بىر مېتىردىن ئېگىز ئۈچ دانە توك قاچىلاش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنىڭ تاماملانغانلىقىنى، ئۈچ يېڭى ئېنىرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ توك قاچىلاش ئورنىدا توك قاچىلاشنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.
ئىگىلىنىشىچە، خۇڭسەن تەنتەربىيە سارىيى يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتىدىكى توك قاچىلاش پونكىتىدا جەمئىي 6 توك قاچىلاش ئورنى بار بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا 6 ئاپتوموبىلغا توك قاچىلىغىلى بولىدىكەن. توك قاچىلاش پونكىتىنى 24 سائەت ئىشلەتسە بولىدىكەن، ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كۈندۈزلۈك خىزمەت ۋاقتىدا 50 ئاپتوموبىلغا توك قاچىلىغىلى بولىدىكەن، توك قاچىلىنىۋاتقاندا ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى ئېلىنمايدىكەن. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاپتوموبىلغا توك قاچىلىسا ھەر كىلوۋات توك 1.2 يۈەنلىك ئېتىبار باھادىن بەھرىمەن بولىدىكەن. كېلەر يىلدىن باشلاپ ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن باھا ئىجرا قىلىنىدىكەن.