ئىككى نەپەر پارتىيە ئەزاسى قوشماقلاشقان تۇغقىنىغا ياردەملىشىپ باغلاپ قويغان ساماننى يۆتكىمەكتە.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز پولات خەۋىرى، فوتوسى) 9- ئاينىڭ 23- كۈنى، شىنجاڭ قومۇل شەھىرى ئاراتۈرۈك ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە قىرساي كەنتىدىكى خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، «مەن قوشماقلاشقان تۇغقىنىمغا ياردەملىشىپ، كۈزلۈك ئاشلىق يىغىشىپ بېرىمەن» باش تېمىسىدا پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا يولۇققان ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.
پارتىيە ئەزالىرى ئورۇلغان بۇغداينى يۆتكىمەكتە.
بىر نەپەر پارتىيە ئەزاسى قوشماقلاشقان تۇغقىنىغا ياردەملىشىپ بۇغداي ئورماقتا.
قومۇل گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى