تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى راستتىنلا سالامەتلىككە كاپالەتلىك قىلالامدۇ؟

  ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى توغرىسىدا گەپ بولۇنغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر ياشانغانلار بىلەن باغلىۋالىدۇ. ۋاھالەنكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ياشانغانلارغىلا تەۋە مەھسۇلات ئەمەس، ياشلاردا خىزمەت، ئۆگىنىش بېسىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلار ساغلاملىق مەھسۇلاتى سېتىۋالىدىغان ئاساسىڭ قوشۇنغا ئايلاندى. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، 90- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان %80 كىشى ئۆزىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش دوكلاتىنى كۆرۈشتىن ئەنسىرەيدىكەن، شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ياشلار ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئەنسىرەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن قىممەت باھالىق يۈز چاپلىقى، تۈرلۈك ئوزۇقلۇق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ۋە كۆز ئاسراش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ «قۇتقۇزۇش بۇيۇمى» قىلىۋالىدۇ. ئىستېمالچىلارنىڭ كۈتۈنۈشكە دائىر ئىزدەش مىقدارىدىن قارىغاندا، 90- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ كۈتۈنۈشكە بولغان ياخشى قاراشلىرى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان. ئوزۇقلۇق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغۇچىلار ئىچىدە، 90- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ نىسبىتى %25.01كە يەتكەن؛ ئىزچىل ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى يەۋاتقان 90- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار %21.9كە يەتكەن. نېمە ئۈچۈن ياشلار، بولۇپمۇ 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا ئالاھىدە ئىشتىياقى بار؟ توغرا بولغان كۈتۈنۈش ئۇسۇلى قانداق بولىدۇ؟

  كۈتۈنگەندە ئادەم نېمە ئۈچۈن «ياشىرىپ» كېتىدۇ؟ بىر تەرەپتىن 90- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار دۇچ كېلىۋاتقان خىزمەت، رىقابەت، تەرەققىيات، ھېسسىيات، كىشلىك مۇناسىۋەت قاتارلىق تەرەپلەردىكى بېسىم، دائىم ئۆزىنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىشەلمەي، شاللىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئىسمىنا قوشۇپ تۈنەشنى دائىملىق ئادىتىگە ئايلاندۇردى، بەخت كۆرسەتكۈچى چۈشۈپ كەتتى. بېسىمنى پەسەيتىپ بەدەننى تەڭشەش ئۈچۈن، 90- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ نەزەرى تۈرلۈك ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا چۈشتى، گەرچە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىسىمۇ، لېكىن ھېچ بولمىغاندا ئۆزىگە تەسەللىي تاپالايدۇ.

   يەنە بىر تەرەپتىن، يالغۇز پەرزەنت بولۇش سۈپىتى بىلەن، 90- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ كىرزىس تۇيغۇسى باشقا ياشتىكىلەردىن كۈچلۈك بولماقتا. نوپۇس تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە مەملىكىتىمىزدىكى 90- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ سانى 188 مىليونغا يېتىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %14.1 نى ئىگىلىگەن. 2017- يىلى، 1999- يىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان، 90- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ بارا-بارا خىزمەت، تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكىنى زېممىسىگە ئېلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار بەرداشلىق بېرىۋاتقان بېسىم بارغانسېرى ئېغىر بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يالغۇز پەرزەنت بولغاچقا، قېرىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىستېمالىغا بولغان ئېھتىياجى ئاشقان.

  ياشلار سېتىۋالغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە، قارا پىگمېنتنى يوقىتىش، چاچ ئۆستۈرۈش ماددىسى، ئوزۇقلۇق ماددىسى قاتارلىقلار بىر قەدەر چوڭ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ، بۇ مەھسۇلاتلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا زىيادە چارچاش، چاچ چۈشۈش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە تاقابىل تۇرۇپ كەلدى. ئالاقىدار ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىزغىن سېتىلىشى، سەھىيەدە ھازىرقى زامان ياشلار توپىنىڭ كۈتۈنۈشكە بولغان دىققەت ئېتىبارىنى ھەمدە ئۆز بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئىپادىلەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قىسىم ياشلار ئادەتتە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئېتىبار بەرمەي، ساغلاملىقىنى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا باغلاپ، بىر تەرەپتىن تۈنەپ، كېچىچە ھاراق ئىچىپ، يەنە بىر تەرەپتىن قىممەت باھالىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئستېمال قىلىدۇ.

  ئۇنداقتا، تۈنەش، تەرتىپسىز ئوزۇقلۇق، ھەرىكەت قىلماسلىق قاتارلىق ياخشى بولمىغان تۇرمۇش ئادىتىنىڭ بەدەن ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرىنى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى يېيىشكە تايىنىپ تولۇقلغىلى بولامدۇ؟ جېڭجوۋ خەلق دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ چىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدىغان بولۇپ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى يەپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەر قانداق ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ، كېسەل داۋالاش مەقسىتىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئۇ بىر خىل ياردەمچى ساغلاملىق مەھسۇلاتى. تەرتىپلىك ئارام ئېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئوزۇقلۇقنى تەڭشەپ، پەن-تېخنىكىلىق چېنىقىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى بولغان كەيپىياتنى ساقلاش، ساغلام بەدەننىڭ كاپالىتى.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ