تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى نۇرغۇن مەنزىرە رايونلىرىدا ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرى يولغا قويۇلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز جاڭ شياۋمى، ليۇ لىنا خەۋىرى): ئىسىم-فامىلىسى ئىچىدە «گوچىڭ» «جيەنگو» دېگەن خەتلەر بار ياكى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 7- كۈنىگىچە تۇغۇلغان ساياھەتچىلەر، «ئۆكتەبىر» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن ساياھەت رايونلىرىدا كىرىش بېلىتى ھەقسىز ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. 9- ئاينىڭ 24- كۈنى، مۇخبىرلىرىمىز سانجى ساياھەت بىرلەشمە كېڭەيتىش مەركىزى، نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى، نەنسەن چارۋىچىلىق مەيدانى ئادىمىيەت ئېكولوگىيە مەنزىرە رايونى قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى ساياھەت تارماقلىرى، ساياھەت كارخانىلىرى ۋە مەنزىرە رايونى مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن ئىگىلىشىچە، نۇرغۇن مەنزىرە رايون مەنزىرە نۇقتىلىرى ئېتىبار بېرىش ۋە باش تېما پائالىيىتىنى يولغا قويغان.

  نەنسەن چارۋىچىلىق مەيدانى ئادىمىيەت ئېكولوگىيە مەنزىرە رايونى: تۆت مەنزىرە رايونىدا ئېتىبار بېرىلىدۇ

  10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، نەنسەن چارۋىچىلىق مەيدانى ئادىمىيەت ئېكولوگىيە مەنزىرە رايونى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي بەيياڭگۇ، ئۇلاستاي، جۈخۇاتەي، مياۋئېرگۇ ئەجدىھا شارقىراتمىسىدىن ئىبارەت تۆت مەنزىرە رايونى يۈرۈشلۈك ئېتىبار پائالىيەتلىرىنى يولغا قويىدۇ. 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 7- كۈنىگىچە تۇغۇلغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئالاقىدار كىنىشكىسىگە ئاساسەن كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالاقىدار كىنىشكىسىگە ئاساسەن كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ 70 ياشتىن ئاشقان ساياھەتچىلەرنىڭ ئالاقىدار كىنىشكىسىگە ئاساسەن كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسىگە ئاساسەن ئېتىباردىن بەھرىلەنسە بولىدۇ قاتارلىقلار.

  شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى. تۈركمەنىستان تۇلپىرى بازىسى: دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە كىرىش بېلىتىدە يېرىم باھا ئېتىبار قىلىدۇ

  10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى. تۈركمەنىستان تۇلپىرى بازىسىنىڭ كىرىش بېلىتى يېرىم باھادا 80 يۈەن، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە تۇغۇلغان ساياھەتچىلەر، ئىسمى-فامىلىسى ئىچىدە «گو» ياكى «چىڭ» دېگەن خەتلەر بار ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ھەقسىز ئېكسكۇرسىيە قىلسا بولىدۇ.

  چەۋەندازلىق ماھارىتى كۆرسىتىش ۋاقتى ئىككى مەيدانغا كۆپەيتىلىدۇ، ئايرىم-ئايرىم چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12:00 ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00تە ئورۇنلىنىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت يەنە خور ئېيتىش، قىز قۇۋار، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق ئېسىل ھالقىلار كۆپەيتىلىدۇ، يەنە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى، ھەجۋىي كۆرگەزمە قاتارلىقلارمۇ بار.

  نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى : ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغۇچىلارغا ئېتىبار بېرىلىدۇ 

  كۈز پەسلىدىكى نارات ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ئاجايىپ گۈزەل بولۇپ، «ئۆكتەبىر» بايرىمى مەزگىلىدە مەنزىرە رايونىدا غەلىتە تاش كۆرگەزمىسى، فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنىدۇ.

  نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تىجارەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى چې خۇا مۇنداق دېدى: ئەگەر ئاپتوموبىل يەتتە كىشلىكتىن تۆۋەن بولسا، ئۈچ ئادەم بىر ئۆمەك بولۇپ، ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ھەربىرى 200 يۈەنلىك ناراتنى ساياھەت قىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ساياھەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ ھەمدە 30 يۈەنلىك ئۆزگىچە ناخشا-ئۇسسۇل، يېمەك-ئىچمەك ئېتىبار بېرىش بېلىتىگە ئېرىشەلەيدۇ، ھەر كۈنى 300 ئاپتوموبىل بىلەنلا چەكلىنىدۇ.

  جامبۇلاق مەنزىرە رايونى: كۈزلۈك يىغىم پەسلى پائالىيىتى سىزنى كۈتمەكتە

  10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 3- كۈنىگىچە، جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدا كۈزلۈك يىغىم پەسلى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. پائالىيەت مەزگىلىدە، فىگۇرا چىقىرىپ گىمناستىكا ئويناش، «گۇچۇڭغا مەدھىيە»، ناخشا «مىڭ يىللىق ئۇچرىشىش» قاتارلىق ناخشا-ئۇسسۇل پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  ئېتىبار بېرىش جەھەتتە، 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 7- كۈنىگىچە، تۇغۇلغان ۋاقتى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئىسم-فامىلىسى ئىچىدە «گوچىڭ» «جيەنگو» دېگەن خەتلەر بار ساياھەتچىلەر كۈچكە ئىگە سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئاساسەن كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  تۇرپان : لىنىيەلىك كىرىش بېلىتىدە ئېتىبار بېرىلىدۇ

  «ئۆكتەبىر» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تۇرپاننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مەنزىرە نۇقتىلىرىدا مەخسۇس ئېتىبار بېرىش يولغا قويۇلىدۇ، ساياھەتچىلەر 160 يۈەنلىك بىر بېلەت بىلەن يارغول قەدىمىي شەھىرى (دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى)، ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى (دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى)، سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى، مىڭئۆي، ئاستانا قەدىمىي قەبرىستانلىقى، تەيزاڭ مۇنارىدىن ئىبارەت ئالتە تارىخىي مەدەنىيەت نادىر مەنزىرە رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلسا بولىدۇ، بۇنىڭدىن سرت يەنە 105 يۈەن بىلەن يارغول مەنزىرە رايونى، يەنى يارغول قەدىمىي شەھىرى + يارغول قەدىمىي كەنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يارغول قەدىمىي رايونى ئارا قاتنايدىغان ئاپتوموبىل بېلىتى قوشۇپ بېرىلىدۇ.

  سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى: ئۈندىداردا مۇكاپاتلىق چەك تارتىش يولغا قويۇلىدۇ 

  سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ساياھەت تەرەققىياتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ئۇلان تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھازىر مەنزىرە رايوننىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل، بىزمۇ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى يولغا قويدۇق».

  10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، ساياھەتچىلەر مەركىزىدە «دۆلەت بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەپ، چوڭ ئۇتۇق قازانغۇچىلار» پائالىيىتىنى تەشكىللەيدۇ، ساياھەتچىلەر شۇ كۈنى پۈتۈن باھالىق كىرىش بېلىتى ھەمدە بىر يانفون بىلەن سايرام كۆلىنى سەيلە قىلىش ئاممىۋى ئۈندىدار نۇمۇرى بويىچە مۇكاپاتلىق چەك تارتىشقا قاتنىشىدۇ، مۇكاپاتلىق چەك تارتىشقا قاتناشقان ساياھەتچىلەر مۇكاپاتلىق چەك تارتىش مەزمۇنىغا ئاساسەن مۇناسىپ نەتىجىگە ئېرىشىدۇ.

  تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونى: كۆپ خىل يۈرۈشلۈك بېلەتلەرنى يولغا قويىدۇ

  گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بىلۇخۇ بازىرىدىكى تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونى 9- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 7- كۈنىگىچە، 20 يۈەنلىك ئىشىك بېلىتى، 98 يۈەنلىك يۈرۈشلۈك بېلەت، 150 يۈەنلىك يۈرۈشلۈك بېلەت قاتارلىق ئوخشىمىغان لايىھەلەردە ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ