شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابونتلار تېرمىنالى شىنجاڭ قانىلى، 9-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى (چېن شۆرۇ): 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چەرچەن ناھىيەسى بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى شىنجاڭ سارىيىدا «ئورگانىك بوستانلىق.چەرچەن چىلىنى» مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى. تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، چەرچەن ناھىيەلىك تەمىنات-سودا كوپىراتىپى، چەرچەن ناھىيەلىك شياۋۋەن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، كوئېنلۇن چارۋىچىلىق شىركىتى بېيجىڭ سادىق سودا مەركىزى بىلەن 6 مىليون 500 مىڭ يۈەنلىك ئورگانىك چىلان سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.
چەرچەن ناھىيەسىنىڭ كىلىماتى قۇرغاق، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، ناھىيە تەۋەسىدە يەتتە دەريا ئېقىنى بار، ئۆزگىچە سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك چىلان ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرى.
نۆۋەتتە، چەرچەننىڭ چىلان ئۆستۈرۈش كۆلىمى 194 مىڭ موغا، يىللىق ھوسۇلى 32 مىڭ توننىغا يەتتى. 2020-يىلىغا بارغاندا، ناھىيە بويىچە چىلان ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى 200 مىڭ مو ئەتراپىغا مۇقىملاشتۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك چىلاننىڭ ئومۇمىي مەھسۇلاتىنى 50 مىڭ توننىدىن ئاشۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن «جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى ئورگانىك چىلان ئىشلەپچىقىرىش بازىسى» بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش پىلانلاندى.