تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

دىڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد ئات جابدۇقلىرى ياسىدى، كونا ھۈنەر ساياھەت سەۋەبلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولدى

دىڭ شۆشېڭ ئەر-خوتۇن قولدا ئېگەر ياسىماقتا. (خەن شۈەنجۇ فوتوسى)

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن جىنلى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پاڭ مىڭجۈەن): 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، كۈز قۇياشى ئەمدىلا كۆتۈرۈلۈشىگە، جىمىسار ناھىيەسى چۈەنزىگەي بازىرىدىكى كىچىككىنە بىر ھويلىدا، دىڭ دىڭ، دوڭ دوڭ ... دىڭ شۆشېڭ ۋە خوتۇنى چېن شياۋلى بىر ئىگەرگە ئەڭ ئاخىرقى بېزەش مىس مىخىنى قېقىۋاتاتتى، ئالدىدا مىخلاپ بولۇنغان مىس مىخلار قۇياش نۇرىدا ئالتۇن رەڭلىك نۇر چېچىپ، پۈتكۈل ئېگەرنى ئادەتتىن تاشقىرى كۆركەملەشتۈرۈۋەتكەنىدى.

  ئۇلار بىر تۈركۈم يېڭى زاكاز تالونىغا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتاتتى: 10 ئېگەر. بۇنى، مەنزىرە رايونىدا ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى نومۇرلىرىنى ئورۇنلايدىغان ئەل ئىچى تەنتەربىيە ئۆمىكى زاكاز قىلغانىدى. دۆلەت بايرىمى كېلەي دەپ قالدى، خېرىدار ئالدىرىتىپ تۇراتتى، بۇ ئىككى كۈندە ئەر-خوتۇن ئىككىسى كېچە-كۈندۈز ئىشلەۋاتاتتى.

  48 ياشلىق دىڭ شۆشېڭنىڭ ئات جابدۇقلىرى ياساۋاتقىنىغا 25 يىل بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، جەمەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن بۇ كونا ھۈنەر ئاخىرى ئۇنىڭ قولىدا كەسىپ بولۇپ تەرەققىي قىلدى. ئۇ ياسىغان ئات جابدۇقلىرى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چەۋەندازلىق بەيگە مەيدانى، ئات فېرمىسى قاتارلىق جايلار ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساياھەت ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرىدىغان نەچچە مىڭ چارۋىچى ئائىلىسىگە سېتىلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە بۇ كونا ھۈنەرگە تايىنىپ، دىڭ شۆشېڭنىڭ يىللىق كىرىمى نەچچە يۈز مىڭ يۈەنگە يېتىپ، چۈەنزىگەي بازىرىدىكى داڭلىق باي ئائىلە بولۇپ قالدى. «بۇلتۇر مىڭغا يېقىن ئېگەر سېتىلدى، بۇ يىلقى ئەھۋالغا قارىغاندا چوقۇم بۇ ساندىن ئېشىپ كېتىدۇ» دېدى ئۇ.

دىڭ شۆشېڭ ياسىغان ئېگەر
مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ