تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر دۇڭ چېڭجۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ماھىنۇر): 9-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ 33-نۆۋەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى ئاقسۇ شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە باشلاندى.
مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاقسۇ شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەن-تېخنىكا كىچىك كەشپىياتى كۆرگەزمە بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىندى ۋە ئوقۇغۇچىلار ياسىغان ماشىنا ئادەملەر نومۇر ئورۇندىدى. ئاقسۇ شەھەرلىك كەشپىياتچىلار جەمئىيىتىنىڭ شۆبە مۇسابىقە مەيدانىدا مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان 260 پارچە فانتازىيەلىك رەسىم ۋە 20 نەچچە پارچە ئىجادىي ئەسەر كۆرگەزمە قىلىندى. ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنىدىكى مۇسابىقىدە ئىلمىي فانتازىيەلىك رەسىمدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 40ى، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 40ى، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 52سى مەيدانغا كەلگەن؛ كىچىك كەشپىيات، كىچىك ياسىمىچىلىق بۇيۇمىدىن ئالتىسى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ بەشى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ توققۇزى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؛ پەن-تېخنىكا ئەمەلىيەت پائالىيىتى (ئوقۇتقۇچىلار)دىن ئىككىسى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؛ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى (ئوقۇتقۇچىلار)دىن ئىككىسى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئىككىسى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؛ پەن-تېخنىكا، مائارىپ پائالىيىتى لايىھەسى (ئوقۇتقۇچىلار)دىن بىرى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، بىرى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى 10-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 33-نۆۋەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئىختىساسلىقلارنى تاللاش، گۇرۇپپىلار بويىچە مەشىق قىلىش، تەجرىبە توپلاش ئىكەن.
ئاقسۇ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى