تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر سۈن يۇەنيۇەن، ئىختىيارىي مۇخبىر لى شىنپىڭ، نۇرمەممەت): ئالتۇن كۈز پەسلىدىكى 9- ئايدا، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىدە ياڭاقتىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، يەر يۈزى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتىلىدىغان ياڭاقلار بىلەن لىق تولدى.
9-ئاينىڭ 18-كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسى سايباغ يېزىسى باشقۇچچى كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى قۇرۇتۇش مەيدانىدا ياڭاقتىن پايدىلىنىپ «70» رەقىمىنىڭ شەكلىنى چىقىرىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
قۇرۇتۇش مەيدانىدا، ئوخشىغان دانە-دانە ياڭاقلاردىن پايدىلىنىپ شەكىل چىقىرىلغان غايەت زور «70» رەقىمى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. «بۇ يىل مول ھوسۇل يىلى، بىز ياڭاق بىلەن ‹70› رەقىمىنى تىزىپ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈردۇق. مېنىڭ بارچە ئاۋازىم بىلەن <سېنى سۆيىمەن، جۇڭگو!> دېگۈم بار» دېدى كەنت ئاھالىسى ئاققىز ئىمىن.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە بۇ ناھىيەدىكى 330 مىڭ ئادەم ياڭاق ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىشنى چۆرىدەپ ئىشقا ئورۇنلاشقان. 2019-يىلى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ خاس باغۋەنچىلىك ئومۇمىي كۆلىمى 825 مىڭ موغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ياڭاق ئۆستۈرۈش كۆلىمى 581 مىڭ 500 موغا، ياڭاق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 128 مىڭ 900 توننىغا يەتكەن.