«مەن شەرەپنى ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن ھاياتىم بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېھرىنى يەتكۈزىمەن.» 9- ئاينىڭ 16- كۈنى، 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى ئابلاجان يېمەك-ئىچمەك باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مەسئۇلى ئابدۇللا ئوبۇلھاشىم شۇنداق دېدى.
2002- يىلى 9- ئايدا، ئابدۇللا خوتۇنى روزىنىساخان زاكىر بىلەن شىنجاڭ خوتەندىن جياڭشى نەنچاڭغا كېلىپ، يايما يېيىپ قۇرۇق ئۈزۈم ساتتى. مال كېچىكىپ، قۇرۇق ئۈزۈم دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈلمەي، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ يېنىدا ئاران 40 يۈەنلا قالدى، ئۇلارنىڭ ئەڭ جاپالىق نەچچە كۈنى ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە ئۆتتى.
كېيىن، ئابدۇللا ئەر-خوتۇن نەنچاڭدا تۇرۇپ قالماقچى بولۇپ، بىر مەھەل مۇۋاپىق ئۆي تاپالمىدى، يېنىدىكى پۇلمۇ ئۆي ئىجارىسىنى تۆلەشكە يەتمەي قالدى. نەنچاڭدا ئۆي-مۈلۈك ۋاستىچىلىك شىركىتى ئاچقان لۈ تىڭياڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارغا ئۆي ئىجارىسىنى پۇل تاپقاندا تۆلەيدىغان قىلىپ بىر يۈرۈش ئۆي تېپىپ بەردى.
بۇ يىللاردا، دوستلىرىنىڭ ياردىمىدە، ئابدۇللانىڭ تىجارىتى بارغانسېرى يۈرۈشۈپ كەتتى، كۆلىمىمۇ ئاستا-ئاستا كېڭەيدى. ھازىر، ئۇنىڭ كارخانىسىنىڭ 44 زەنجىرسىمان دۇكىنى بار بولدى.
«ياخشى بىلەن دوست بولساڭ ئېچىلار چېچەكلىرىڭ. مۇشۇ خەنزۇ دوستلىرىمنىڭ ياردىمى بولمىسا، مەن ھېچقانداق ئىشنى باشقا چىقىرالماي يۈرەتتىم.» يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئابدۇللا تۇرمۇشتا يۈزبەرگەن ئىشلارنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي كۈندىلىك خاتىرىسىگە يېزىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قېرىنداشلىق مېھرىنى، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى چىن قەلبىدىن ھېس قىلدى.
ئىشلىرى كۈندىن-كۈنگە يۈكسەلگەن ئابدۇللا ئۆزىگە ياردەم قىلغان كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ سەمىمىيىتى ۋە مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن نەنچاڭلىق قېرىنداشلىرىغا جاۋاب قايتۇردى.
نەنچاڭدا ئون نەچچە يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن ئابدۇللانىڭ مۇنداق بىر پىرىنسىپى بار، ئۇ بولسىمۇ ئومۇمەن مېيىپ ياكى 70 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار دۇكانغا كېلىپ قوي گۆشى سېتىۋالسا، ئۇ ھەر كىلوگىرامىغا تۆت يۈەن ئېتىبار قىلىدۇ.
بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، ئابدۇللا شىركەت خىزمەتچىلىرىنى تەشكىللەپ، «ئابلاجان پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى» قۇرۇپ، كوچا، مەھەللە تەشكىللىگەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قىزغىن قاتنىشىپ، ئاھالىلەرنى پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. «‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›نى مەن ھەممەيلەن چىن كۆڭۈل بىلەن، ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇش، دەپ چۈشەندىم» دېدى ئابدۇللا.
نەنچاڭدىكى يۇرتداشلارغا قىزغىن جاۋاب قايتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئابدۇللا ئۆز يۇرتىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ھازىر، جياڭشىدا سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، تىجارەت قىلىۋاتقان 5500دىن ئارتۇق شىنجاڭلىق خادىملار بار، ئابدۇللانىڭ يېمەك-ئىچمەك دۇكىنى شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەرنىڭ نەنچاڭغا كەلگەندىن كېيىنكى بېرىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جايىغا ئايلاندى. ئابدۇللانىڭ يېمەك-ئىچمەك دۇكىنىدا، ھەر بىر تاماق ئۈستىلىگە بىردىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات ئوقۇشلۇقى قويۇلغان بولۇپ، مەيلى خېرىدار بولسۇن ياكى يۇرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر بولسۇن، بۇ ئوقۇشلۇقلارنى ئوقۇپ باقاتتى. ئابدۇللانىڭ يېمەك-ئىچمەك دۇكىنى بارا-بارا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىدىغان كۆزنەككە ئايلاندى.
«يۇرتتىن كەلگەن قېرىنداشلار بۇ يەردە ئىشلەيدۇ، مەن ئاۋۋال يۇرتداشلارغا مەسئۇل بولۇشۇم كېرەك، ھەركۈنى تىجارەت باشلىغاندا بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىم سەمىمىي ئادەم بولۇشنى، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى تەكىتلەش...» 2017- يىلى ئانىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئابدۇللا بىر نەچچە يىلدىن بۇيان يېزىپ كېلىۋاتقان خاتىرىسىنى بىر پارچە خەتكە مۇجەسسەملەپ، قاراقاش ناھىيەسىدىكى ئانىسىغا ئەۋەتتى.
ھازىر، ئابدۇللانىڭ تۈرتكىسىدە، جياڭشىدا سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، تىجارەت قىلىۋاتقان شىنجاڭلىق خادىملار ئارىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتتىكى نۇرغۇن تەسىرلىك ئىش ئىزلار بارلىققا كەلدى. (گاۋ ۋا)
شىنجاڭ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى