مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى خەۋىرى: 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى، جۇڭچيۇ بايرىمى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، چىڭداۋدا ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئون مىڭغا يېقىن لايخورەك تۈرىدىكى پەسىل قۇشلىرى جياۋجۇ قۇلتۇقىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك دېڭىز-ئوكيان باغچىسىغا كۆچۈپ كېلىپ قىشلاشقا تەييارلىق قىلدى، قۇشلار توپلاشقان كۆرۈنۈشلەر ھەيۋەتلىك تۈسكە كىردى. ئىگىلىنىشىچە، جياۋجۇ قولتۇقىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك دېڭىز-ئوكيان باغچىسى شەرقىي ئاسىيادىكى پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈش لىنىيەسىدىكى مۇھىم يول بولۇپ، ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈز ئىككى پەسىلدە، نەچچە مىليونلىغان پەسىل قۇشلىرى بۇ يەردىن ئۆتىدىكەن، بىر قىسىم لايخورەك تۈرىدىكى پەسىل قۇشلىرى بۇ يەردە قىشلايدىكەن.
چىڭداۋ جياۋجۇ قولتۇقى سۇلۇق يېرىگە پەسىل قۇشلىرى كۆچۈپ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش ھاسىل قىلدى
مۇھەررىر :
克丽比努尔·艾孜木
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/09/23 10:37
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.