تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ياشانغانلار سۇ ئىچكەندە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك

  سۇنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ياكى ئاز ئىچىش سالامەتلىككە پايدىسىز

  سۇنى زىيادە ئاز ئىچكەندە، ئورگانىزمدا سۇسىزلىنىش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، بىلىش ئىقتىدارى، شۇنداقلا جىسمانىي كۈچ ۋە ئىقتىدارنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىدىكى كېسەللىكلەر ۋە يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

  سۇدىن زەھەرلىنىش ئادەتتە بۆرەكتە پەيدا بولىدىغان كېسەللىك، قان يىغىلىش خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىقلار كېسەللىك ھالىتىدە كۆرۈلىدۇ، ياكى ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش، قىسقا مەزگىللىك سۇ تولۇقلاش شارائىتىدا كۆرۈلىدۇ.

  سۇدىن زەھەرلىنىش ئورگانىزمنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، تۆۋەن ناترىيلىق قان كېسىلى، مېڭە توقۇلمىسى سۇلۇق ئىششىقى، باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھوشىدىن كېتىش، تارتىشىپ قېلىش، ھەتتا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ياشانغانلاردا ياشلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان سۇسىزلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ

  ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ياشانغانلار بۆرىكىنىڭ سۈيدۈك قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارى بارغانسېرى چېكىنىدۇ ھەمدە تونۇش ئىقتىدارىنىڭ يېنىك، ئوتتۇرا دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىشىغا ئەگىشىپ، ئورگانىزمنىڭ سۇ كەمچىللىكىگە بولغان بىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ.

  ياشانغانلارنىڭ ئۇسساش سەزگۈسى ئاجىزلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۇ ئىچىش ھەرىكىتى ئازلايدۇ. ياشانغانلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلىسا، ئورگانىزىم ئاسانلا قىزىپ، ئورگانىزمنىڭ سۇسىزلىنىش مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشانغانلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىمۇ ئاجىزلاپ، ياندۇرۇش، ئىچى سۈرۈش ئەھۋاللىرى كۆپىيىپ، تېخىمۇ ئاسان سۇسىزلىنىدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت، ياشانغانلار ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارىنىڭ ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ، ئورگانىزمنىڭ سۇ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا ياشانغانلار ئۇسسىغاندىن كېيىن سۇ ئىچمەي، ئۆزلىكىدىن قەرەللىك ھالدا سۇ ئىچىشى كېرەك.

   سۇ تولۇقلاشتا ئەڭ ياخشىسى قايناقسۇ ئىچىش كېرەك

  ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ياشانغان ئەرلەر ھەر كۈنى 1700 مىللىلېتىر سۇ ئىچىشى كېرەك، ئاياللار ھەر كۈنى 1500 مىللىلېتىر سۇ ئىچىشى كېرەك. ئەگەر تېمپېراتۇرا يۇقىرى ئەھۋالدا، ئىچىدىغان سۇنىڭ مىقدارىنى بەدەن ئەھۋالىغا قاراپ كۆپەيتىش كېرەك.

  بۆرىكىدە مەسىلىسى بار ياشانغانلار سۇ ئىچكەندە ئېھتىيات قىلىشى كېرەك

 ياشانغانلاردا كېسەللىك سەۋەبىدىن سۈيدۈك ئازلاپ كەتسە ياكى سۈيدۈك بولمىسا، بۇ ئىچكەن سۇنىڭ نورمال چىقىرىۋېتىلمىگەنلىكىنى، ئەگەر ئىچكەن سۇنى كونترول قىلمىسا، بۆرەككە بولغان بېسىمنىڭ ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  ياشانغانلارنىڭ بۆرىكى قورۇلۇپ قالغاندا، سۇنى كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ. بۆرەكنىڭ بۆرەك كىچىك نەيچىسى ۋە يىغىندى نەيچىسى سۇ مىقدارىغا نىسبەتەن سۈمۈرۈش رولىنى ئۆتەيدۇ، ۋاھالەنكى بۆرەك قۇرۇپ قالغاندا، سۇ مىقدارىنىڭ قايتىدىن سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ، ئەگەر داۋاملىق كۆپ مىقداردا سۇ ئىچكەندە، بۆرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ.

   بۆرەك ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى، جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى قاتارلىقلاردا سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلگەن ياشانغانلار ھەمدە سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش ياكى ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشىش قاتارلىقلاردا قان تازىلاشقا ئېھتىياجلىق ياشانغانلارغا نىسبەتەن، كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ سۇنى تەڭشەش كېرەك.

  شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ