جياڭسۇ داشۆسىدە تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاشخانا ئىشلىتىلىشكە كىرىشتۈرۈلدى
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: 9- ئاينىڭ 18- كۈنى، جياڭسۇ داشۆسىدىكى تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاشخانا - جياڭسۇ داشۆسى جىڭجياڭ شۆيۈەنى 2- ئاشخانىسىدا ئىشلىتىلىشكە كىرىشتۈرۈلدى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار تاماق يېگەندە مەكتەپنىڭ ھەممىباپ كارتىسى ياكى يانفونىنى ئالمايمۇ، «چىرايىنى سىكاننېرلاپ»، بىر سېكۇنتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ھەق تۆلىيەلەيدىغان بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئۆچرەتتە تۇرۇش ۋاقتى قىسقىراپ، غىزالىنىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى. (ياڭ يۈ فوتوسى)