تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پەن- تېخنىكا تۇرمۇشنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىدۇ

بۇ بىر پارچە چاتما سۈرەت، ئۈستىدىكى سۈرەتتە: 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى سىچۈەن ئۆلكىسى پىڭۋۇ ناھىيەسى پىڭتۇڭ كوممۇناسىنىڭ ئەزاسى جۇ كەيلەننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يېڭى سېتىۋالغان تېلېۋىزورنى ياقتۇرۇپ كۆرمەكتە (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن جۇڭجىڭ فوتوسى)؛ ئاستىدىكى سۈرەتتە: 2015- يىلى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى، تاماشىبىنلار شاڭخەي دۇشا خانىم موم ھەيكەل سارىيىدا 4D كىنو كۆرمەكتە (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ يىڭ فوتوسى ).

  كىچىك ۋاقتىڭىزدا ئۆيىڭىزدىكى تۇنجى رەڭسىز تېلېۋىزور ئېسىڭىزدىمۇ؟ كېچىچە ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ئۆيگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پويىز بېلىتى سېتىۋالغىنىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ؟ تۇنجى يانفونىڭىزنىڭ قايسى ماركىلىق ئىكەنلىكى ئېسىڭىزدىمۇ؟... بۈگۈنكى كۈندە، بۇ نەرسىلەرنىڭ بەزىلىرى ئاللىبۇرۇن مۇزېيغا كىرگۈزۈلدى، بەزىلىرى ئەسلىمە بولۇپ قالدى. پەن- تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتمەس- تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. بۈگۈنكى دۇنيادا، كىم پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھالقىنى تۇتۇۋالسا، كىم پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ شاخماتتا ئالدىن بىر قەدەم باسالىسا، شۇ پۇرسەتنى ئىگىلەپ، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلەيدۇ.

   بارغانسېرى كۆپلىگەن «قارا پەن- تېخنىكا» «ئالىي، قابىل، سەرخىل» لار پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا قوللىنىلىۋاتىدۇ، ئىلگىرى فانتازىيەلىك كىنولاردا ئۇچرايديغان ئاجايىپ خىياللار ئارقا- ئارقىدىن رېئاللىققا يۈزلىنىپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

بۇ بىر پارچە چاتما سۈرەت، سول تەرەپتىكى سۈرەتتە: 2018- يىلى 8- ئاينىڭ 24- كۈنى، چۇڭچىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو خەلقئارا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر كۆرگەزمىسىدە، خىزمەتچى خادىم ئەقلىي ئىقتىدارلىق توڭلاتقۇنىڭ «توردا مال سېتىۋېلىش» قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى كۆرسەتمەكتە (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى تاڭ يى فوتوسى)؛ ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەتتە: 20- ئەسىرنىڭ 80 -يىللىرى بېيجىڭ توڭلاتقۇ زاۋۇتى سىناق تەرىقىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىققان قوش ئىشىكلىك قوش تېمپېراتۇرىلىق شۆخۇا ماركىلىق توڭلاتقۇ (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دەي جىمىڭ فوتوسى). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

بۇ بىر پارچە چاتما سۈرەت، يۇقىرىقى سۈرەتتە: 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرى گۇاڭشى خېپۇ ناھىيەسى داڭجياڭ بازىرى ياچياۋ كەنتىدىكى ئۆردەك بېقىش كەسپىي ئائىلىسىدىكى مو چىڭياۋ كۆچمە تېلېفون بىلەن ئالاقىلاشماقتا. ( شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋۇ ۋېنبياۋ فوتوسى)؛ تۆۋەندىكى سۈرەتتە: 2018- يىلى 11- ئاينىڭ 10 -كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجوۋ شەھىرى جىلى بازىرىدىكى بىر تاۋباۋ دىكتورى بىۋاسىتە ئاڭلىتىش ئۆيىدە توردا بىۋاستە كۆرسىتىش شەكلى ئارقىلىق يېڭى پاسوندىكى بالىلار كىيىمىنى ساتماقتا (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ يۈ فوتوسى ). 

بۇ بىر پارچە چاتما سۈرەت، ئۈستىدىكى سۈرەتتە: 20- ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى، بېيجىڭ شەھىرىدىكى تۇنجى دەرىجىدىن تاشقىرى كۆكتات بازىرى رەسمىي تىجارەت باشلىدى، خېرىدارلار چىقىش ئېغىزىدا پۇل تۆلىمەكتە ( شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ شۇيۈەن فوتوسى )؛ ئاستىدىكى سۈرەتتە: 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 27- كۈنى، خېرىدارلار بېيجىڭدىكى بىر دۇكاندا يۈزنى سېكانىرلاپ ھەق تاپشۇرىدىغان مەھسۇلات «يىڭناغۇچ»تا ئۆزى ھېسابات قىلماقتا (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ چېنلىن فوتوسى).

بۇ بىر پارچە چاتما سۈرەت، سول تەرەپتىكى سۈرەتتە: 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا بالىلار «ئەقلىي توۋكۈەي» ئويۇنچۇقى ئوينىماقتا (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ پىڭ فوتوسى)؛ ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەتتە: 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 26– كۈنى، خېفېي جۇشى مەھەللىسىدىكى كىچىك دوستلار ماشىنا ئادەم دەرسخانىسىدا ماشىنا ئادەمنىڭ ئويۇنىنى كۆرمەكتە (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ جۈنشى فوتوسى).

بۇ بىر پارچە چاتما سۈرەت، ئۈستىدىكى سۈرەتتە: 2012- يىلى 1- ئاينىڭ 7- كۈنى، يولۇچىلار چۇڭچىڭ شىمالىي ۋوگزالىنىڭ بېلەت سېتىش كۆزنىكىدىن چاغانلىق يولۇچى توشۇش بېلىتى سېتىۋالماقتا (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى جيەن فوتوسى)؛ ئاستىدىكى سۈرەتتە: 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى، يولۇچىلار جېڭجوۋ ۋوگزالىدا «يۈزىنى سىكاننېرلاپ» ۋوگزالغا كىرمەكتە (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى ئەن فوتوسى).

2018- يىلى 2 ـ ئاينىڭ 15ـ كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ لۇڭشەن ناھىيەسى شىگاۋ كوچا باشقارمىسى 1ـ كەنتىدە پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا ئائىلىۋى سۈرەتكە چۈشۈپ، بەختلىك دەقىقىلەرنى خاتىرىلىمەكتە (تيەن لياڭدۇڭ فوتوسى).

2018- يىلى 5- ئاينىڭ 26– كۈنى، گۇيياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو خەلقئارا چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى كۆرگەزمىسىدە، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئالى بابانىڭ مەۋھۇم كىيىم سىناش ئەينىكى ئارقىلىق نەق مەيداندا كىيىم سىنىماقتا (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ئوۋدوڭچۈ فوتوسى)

2018- يىلى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى، بېيجىڭ دۇڭدەن شىمالىي كوچىسىدىكى ئاشپەزسىز بىر تېز تاماقخانىدا، خىزمەتچى خادىملار ئەقلىي ئىقتىدارلىق قورۇما قورۇش ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلماقتا (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لو شياۋگۇاڭ فوتوسى).

2018ـ يىلى 12ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، بېيجىڭدىكى بىر ئەقىل-پاراسەت ساماۋەر شورپىخانىسىدا، كۈتكۈچى ماشىنا ئادەم خىزمەت قىلماقتا (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن جۈنچىڭ فوتوسى).

2019- يىلى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى، چۇڭچىڭ شيەنتاۋ سانلىق مەلۇمات جىلغىسىدا ئېلىپ بېرىلغان 5G يىراق مۇساپىلىك ھەيدەش سىنىقىنىڭ شەھەر يولىدا يۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش نەق مەيدانى، خادىملار ئاپتوموبىل ئىچىدە 5G يىراق مۇساپىلىك ھەيدەش سىستېمىسى ئارقىلىق، يىراق مۇساپىلىك ئاپتوموبىل دېسكىسىنى كونترول قىلماقتا (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ لو فوتوسى).

2018- يىلى 6- ئاينىڭ 14- كۈنى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ تاڭشەن شەھىرى گۇيې رايونىدا، ئىستېمالچىلار 24 سائەت ئېچىلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەتچىسىز قولايلىق دۇكاندىن تاۋار سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ پۇل تۆلىمەكتە (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ شىياۋ فوتوسى)

2019- يىلى 8 -ئاينىڭ 17- كۈنى، نەنجىڭ جياڭبېي يېڭى رايونى خەلقئارا ساغلاملىق شەھەرچىسىدە، ئادەمسىز مال يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلى مال يەتكۈزۈش يولىدا ئۆز ئالدىغا تەدبىر بەلگىلەش ئاقىلىق توسالغۇدىن ئۆزىنى دالدىغا ئالماقتا (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى يۈزې فوتوسى).

2018- يىلى 9- ئاينىڭ 14- كۈنى، يۈەنتۇڭ تېز يەتكۈزۈش خاڭجوۋ يۆتكەپ يەتكۈزۈش مەركىزىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ماشىنا ئادەم بۆلۈپ تارقىتىش مەركىزى، ماشىنا ئادەم مەشغۇلات سۇپىسىدا پوسۇلكىنى ماس كېلىدىغان رايون كاتەكچىسىگە سالماقتا (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ زۇڭجى فوتوسى)

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەھىرى فۇتيەن رايونىدا، تېز يەتكۈزۈش خادىمى چى گۇەنخېڭ (سولدا ) پوسۇلكىنى مەركىزىي يىغىلىش e تېز يوللانما ساندۇقىغا سالدى؛ ئىككى سائەتتىن كېيىن، مەھەللە ئاھالىسى گو روشى ئۆزىنىڭ پوسۇلكىسىنى چىقىرىۋالدى ( شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ماۋ سىچيەن فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ