جاڭ بېي
بىر كۈن 24 سائەت، بىپايان شىنجاڭدا، سىز نېمىلەرنى كۆرەلەيسىز؟ 9- ئاينىڭ 17- كۈنى «شىنجاڭدىكى 24 سائەت» ناملىق بىر بۆلەك مىكرو سىن توردا تېز تارقىلىپ، سان - ساناقسىز كىشىنىڭ تارقىتىشى ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى. ئۈچ مىنۇتتىن كۆپرەك ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ بۆلەك سىندا شىنجاڭنىڭ مۇقىم، گۈللەنگەن جەمئىيەت ۋەزىيىتى، ھەيۋەتلىك، كۆركەم تەبئىي مەنزىرىسى، گۈللەپ ياشنىغان تەرەققىيات ۋەزىيىتى جانلىق، تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق مەركەزلىك نامايان قىلىنغان بولۇپ، كۆرۈنۈشتە 24 سائەتكە ئىخچاملانغان شىنجاڭ گۈزەل، ئىناق بولۇپ، كىشىنى تەلپۈندۈرىدۇ.
بۇ سىندا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر قىسقىغىنا ئىخچاملىنىپ، تاغ - دەريالار نامايان قىلىنىپ، شېئىرىي ھېسسىيات بىلەن ئىپادىلەنگەن. ھالبۇكى، 70 يىللىق شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ھەرگىزمۇ بىردەمدىلا قولغا كەلگەن ئەمەس، ئاسماندىن چۈشكەنمۇ ئەمەس، بەلكى ئەۋلادمۇئەۋلاد تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئارقا - ئارقىدىن جاپاغا چىداپ ئىشلىگەن، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلغان 24 سائەتتە ۋۇجۇدقا كەلگەن.
بىر تۈمەن يىل بەك ئۇزاقتۇر بەك ئۇزاق، تۇتقۇلۇق ھەربىر مىنۇتنى چىڭ تۇرۇپ. سىندىكى 24 سائەت كىشىگە سانسىزلىغان كۈرەشچىنىڭ ئوبرازىنى ئەسلىتىدۇ، ئۇلار شىنجاڭنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قىياپىتىنى مۇجەسسەملىدى، بۇ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ گۈزەل قىياپەت.
(<سۆز ھەممىگە> ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)