9-ئاينىڭ 18-كۈنى، پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى لۈشەن يېزىسىدىكى لۇسۈن پارنىكىغا بېرىپ، تۆۋەن كىرىملىك دېھقانلارنىڭ لۇسۈن ئۈزۈشىگە ياردەم بېرىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ لۇسۈندىن مول ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىدە ئادەم يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2019-يىلىدىن باشلاپ، جېجياڭ ئۆلكىسى چاڭشىڭ ناھىيەسىنىڭ لۇشەن يېزىسى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «قىزىل ئاۋانگارت، تېخنىكا يېتەكچىلىكى، سىياسەت تەشۋىقاتى، پۇل مۇئامىلە-سۇغۇرتا، مەھسۇلات سېتىش» قاتارلىق پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىن بەشنى قۇرۇپ، قەرەلسىز ھالدا يېزا ئىگىلىك بازىسىغا بېرىپ يۈزتۇرانە مۇلازىمەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېھقانلارغا سىياسەت، تېخنىكا، يېزا-ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ۋە مەبلەغ يەتكۈزۈپ بېرىپ، دېھقانلار بىلەن بولغان ئەڭ ئاخىرقى «بىر كېلومېتىر» ئارىلىقنى راۋانلاشتۇرۇپ، نۆل ئارىلىقتا مۇلازىمەت قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، يېزا-كەنتتىكى پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ يۈ فوتوسى)
9-ئاينىڭ 18-كۈنى، پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى لۈشەن يېزىسىدىكى لۇسۈن پارنىكىدا تۆۋەن كىرىملىك دېھقانلارغا ياردەملىشىپ لۇسۈن ئۈزمەكتە.
9-ئاينىڭ 18-كۈنى، پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى لۈشەن يېزىسىدا تۆۋەن كىرىملىك دېھقانلارغا ياردەملىشىپ لۇسۈن باغلىماقتا.
9-ئاينىڭ 18-كۈنى، پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى لۈشەن يېزىسىدىكى لۇسۈن پارنىكىدا تۆۋەن كىرىملىك دېھقانلارغا ياردەملىشىپ لۇسۈن باغلىماقتا.
9-ئاينىڭ 18-كۈنى، لۇشەن يېزىسىدىكى پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئېتىز-ئېرىقلارغا بېرىپ پۇل-مۇئامىلە ئارقىلىق دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلماقتا.