تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

تاماقنى دائىم بىر تەرەپتە يېيىش ئاڭلاش ئىقتىدارىغا زىيانلىق

   بىر نەرسە يېگەندە دائىم بىر تەرەپتىكى چىشتا چايناش يېمەكلىكنى ھەزىم قىلىشقا تەسىر قىلىپلا قالماستىن، ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقى ۋە چىراي شەكلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېقىندا، كورىيە يەنشى داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چايناش ئۇسۇلى يەنە ئادەمنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، بىر تەرەپتىلا چايناش ئاڭلاش ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن.

   تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان 40 ياشتىن 89 ياشقىچە بولغان 1773 كىشىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان. يەككە ئىقتىدار بويىچە چىش بىرلىكىگە ئاساسەن چىشنىڭ چايناش دەرىجىسىنى باھالىغاندىن كېيىن، سىناققا قاتناشقۇچىلار بىر تەرەپتە چايناش خاھىشى تۆۋەن، ئوتتۇرا، يۇقىرى دەپ ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن. ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلغان ئاڭلاش ئىقتىدارى زىيىنىنى باغلىنىشلىق تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، بىر تەرەپتە چايناش خاھىشى كۈچلۈك بولغان گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى بىر تەرەپتە چايناش خاھىشى تۆۋەن بولغانلاردىن ئېغىر بولۇپ، ئاڭلاش سېزىمى سىنىقىدا روشەن تۆۋەن نومۇرغا ئېرىشكەن. تەتقىقات نەتىجىسى «ياپونىيە تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان.

    تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، يۇقىرىقى تەتقىقات يەكۈنىگە ئاساسلانغاندا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئامال بار پەقەت بىر تەرەپتىلا چايناشتىن ساقلىنىش كېرەك ئىكەن.

                                                                                                                                                                       خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ