بۇ 9- ئاينىڭ 16- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان 2019- يىللىق دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى كۆرگەزمىسىنىڭ نەق مەيدانى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 9- ئاينىڭ 16- كۈنى، 2019- يىللىق دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى تيەنجىن مېيجياڭ كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك تەشۋىقات ھەپتىلىكىدە «تور بىخەتەرلىكى خەلق ئۈچۈن، تور بىخەتەرلىكىدە خەلققە تايىنىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە تور بىخەتەرلىكى كۆرگەزمىسى، تور بىخەتەرلىك تېخنىكىسى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى، تور بىخەتەرلىكى باش تېما كۈنى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى رەن فوتوسى)
9- ئاينىڭ 16- كۈنى، مېھمانلار 2019- يىللىق دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
بۇ 9- ئاينىڭ 16- كۈنى تيەنجىن مېيجياڭ كۆرگەزمە مەركىزىدە سۈرەتكە تارتىلغان يىغىن مەيدانى.