شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر خوۋ شۆجىڭ، ياۋ بىڭ) بۇ تارىختىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ تېز سۈرئەتتىكى نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى ــــ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، يېزىلاردىكى 700 مىليوندىن كۆپرەك نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلدى، نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى %1.7كە چۈشۈرۈلدى.
خېنەن لۇشى ناھىيەسىدىكى 84 ياشلىق خۇ يۈلياڭ نەچچە 10 يىل تۇرغان كونا ئۆيى بىلەن خوشلىشىپ، بازاردىكى نامراتلارنى يۆلەپ ئورۇنلاشتۇرۇش مەھەللىسىگە كۆچۈپ كىردى.
كۆچۈپ چىقىش، مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىي قىلىش، بېيىش. خۇ بوۋاينىڭ بالىلىرى ناھىيە ئورۇنلاشتۇرغان نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتىدا خىزمەت تاپتى. ھازىر، پۈتۈن مەملىكەتتە بۇنىڭدەك نامراتلانى يۆلەش زاۋۇتىدىن 30 مىڭدىن كۆپرەكى بار، 1 مىليونغا يېقىن نامرات نوپۇس بۇ زاۋۇتلاردا ئىشلەيدۇ.
كەسپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، باشقا جايغا كۆچۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك تولۇقلىما بېرىش... ھەر بىر نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنىڭ ئارقىسىدا بىر سىستېمىلىق قۇرۇلۇش، بىر مەيدان جان تىكىپ كۈرەش قىلىدىغان جەڭ بار. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئىستىراتىگىيەسىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قوزغاتتى.
16 مىليون 500 مىڭ، 12 مىليون 320 مىڭ، 14 مىليون 420 مىڭ، 12 مىليون 400 مىڭ، 12 مىليون 890 مىڭ، 13 مىليون 860 مىڭ... ئالتە يىلدىن بۇيان مەملىكەت بويىچە 82 مىليون 390 مىڭ ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بۇ ھەر مىنۇتتا 30غا يېقىن ئادەمنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغانلىقىغا باراۋەر.
تارىخىي ھالقىشنىڭ ئارقىسىدا، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ 1-ئورۇندا تۇرۇشتەك ئەۋزەللىكى بار. دۇنيا بانكىسى 2018-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دىيىلدى: جۇڭگو ئىقتىسادتا تېز تەرەققىي قىلىش ۋە نامراتلارنى ئازايتىش جەھەتتە تارىختا كۆرۈلمىگەن مىسلىسىز نەتىجىگە ئېرىشتى». كۈنلۈكى بىر ئادەمگە 1.9 دوللار توغرا كېلىشتەك خەلقئارالىق نامراتلىق ئۆلچىمى بويىچە، 1981-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگودا نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى 87.6 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىدى، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2.6 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىدى؛ ئوخشاش مەزگىلدە دۇنيا بويىچە نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى 32.2 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىدى، ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى 0.9 پىرسەنت پوئىنت بولدى. جۇڭگو دۇنيادىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىدا نامراتلىقنى ئازايتىش نىشانىنى ئەڭ تېز ئەمەلگە ئاشۇرغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇپ قالدى.
يەنە بىر يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىن كېيىن، 2020-يىلى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى مۇتلەق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ئومۇمىيۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتىن ئىبارەت مىڭ يىللىق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، بۇ بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قولى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.