9-ئاينىڭ 16-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار توشۇغۇچى ماشىنا ئادەمنى سىناق قىلماقتا. شۇ كۈنى، 21-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا سانائەت يەرمەنكىسى تاراتقۇلار چارلاپ تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. نۆۋەتتە يەرمەنكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، يەرمەنكىگە قاتنىشىدىغان سودىگەرلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يەرمەنكىگە قويۇلىدىغان بۇيۇملارنى جاي-جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ نۆۋەتلىك سانائەت يەرمەنكىسى «ئەقلىي ئىقتىدار، ئالاقە—كەسىپلەرنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە دۆلەت يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزى (شاڭخەي)دە ئۆتكۈزۈلىدۇ. فاڭ جې فوتوسى
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى